يوھاننېسبۇرگ

يوھاننېسبۇرگ شەھىرى

يوھاننېسبۇرگ شەھىرى جەنۇبىي ئافرىقا(ئازانىيە) نىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بال دەريا بويىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان.

نامى يوھاننېسبۇرگ
ئۆلكىسى خۇۋدېن ئۆلكىسى
تەۋە رايون جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى خۇۋدېن ئۆلكىسى
نوپۇسى 3 مىليون 888 مىڭ 100
جۇغراپىيەلىك ئورنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بال دەريا بويىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان
دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقا(ئازانىيە)
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 269 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى تروپىك بەلباغ يايلاق كىلىماتى
باشقا نامى 伊高比

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يوھاننېسبۇرگ شەھىرىيوھاننېسبۇرگ شەھىرى جەنۇبىي ئافرىقا(ئازانىيە) نىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بال دەريا بويىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1754 مېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 3 مىليون 888 مىڭ 100 دىن ئاشىدۇ. 1866-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. يەرلىك ئافرىقا ئىشچىلىرى شەھەر سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردا ئولتۇراقلاشقان.

يوھاننېسبۇرگ شەھىرىيوھاننېسبۇرگ شەھىرنىڭ بىر يىللق ئىسسىق سۇبتروپىك بەلۋاغ كىلىماتىنىڭ كىلىمات پەرقى چوڭ ھەم ئۆزگىرىش مول. يۇھانىسبۇرگ تېمپىراتۇرىسى ياز پەسلىدە ℃24.7  ئەتراپىدا بولىدۇ، قىش پەسلىدە ℃18.0 ئەتراپىدا بولىدۇ . 

يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە ، جەنۇبى يېرىم شارنىڭ ئىسسىق بەلباغ يايلاق كىلىماتىغا تەۋە.  ئېكۋاتور تۆۋەن ھاۋا بېسىم بەلبېغى ۋە تۆۋەن كەڭلىكتىكى پاسسات شامىلى بەلۋېغى كونتروللۇقىدا، قۇرغاق پەسىلى ۋە نەم پەسلى ئېنىق.

يوھاننېسبۇرگ شەھىرىبۇ جاي ئەسلى كان تەكشۈرۈش پونكىتى بولغان، كېيىن ئالتۇن كاننىڭ تېپىلىشى ۋە كۆپلەپ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي كېڭىيىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. بۇ شەھەر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. شەھەر ئەتراپىدىكى 240 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بەلباغدا 60 دىن ئوشۇق ئالتۇن كېنى بار. شۇڭا «ئالتۇن پايتەخت» دەپ نام ئالغان. 

يوھاننېسبۇرگ شەھىرىيوھاننېسبۇرگ شەھىرىنىڭ كانلىرى مول بولۇپ ئالتۇن، ئاق ئالتۇن، سۈرمە، ئالماس، تاشپاختا مەھسۇلاتى ۋە ئۇران، مانگان، خروملۇق پولات، فتورىت زاپاس مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يەنە كۆمۈر، مىس، ئاليۇمىن، سىنك قاتارلىقلارمۇ بار. كانچىلىق مىللىي دارامەتنىڭ ئاساسى تۈۋرۈكى. ئاساسلىق سانائەت تارمىقىدىن يېمەكلىك، توقۇمچىلىق، ماشىنىسازلىق قاتارلىقلار بار. يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە جەنۇبىي ئافرىقا ئاۋىئاتسىيەسى بار. بىۋاسىتە بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان (بېيجىڭ-يوھاننېسبۇرگ) بار.  سودا ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى ئاساسلىقى ئاۋىئاتسىيە  كۆپ مەنبەلىك خەلقئارا ترانسپورت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىمزالىغان ۋە بېيجىڭ توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان. 

يوھاننېسبۇرگ شەھىرىشەھەرنىڭ سىرتقى بەلبېغىدا نۇرغۇنلىغان كان سانائەت شەھەرلىرى بار. شەھەر ئىچى بىلەن شەھەر رايونىدا چوڭ تىپتىكى كان ماشىنىلىرى زاۋۇتى بىلەن خىمىيە، توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ماپتوموبىل، كاۋچۇك، پارتىلىتىش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.

يوھاننېسبۇرگ شەھىرى شەھەرنىڭ پۇل مۇئامىلە، سودا ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەر بىلەن چوڭ بانكىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان. شەھەرنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يول ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#