- تامتوغراق يېزىسى (ئاۋات ناھىيەسى)
- تامتوغراق يېزىسى (توقسۇ ناھىيەسى)
تامتوغراق يېزىسى
تامتوغراق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاۋات ناھىيەسى گە جايلاشقان، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 291.89 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تامتوغراق يېزىسىتامتوغراق يېزىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 291.89 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا بويىچە 18 مەمۇرىي كەنت، 56 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 71966 مو تېرىلغۇ يەر بار ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 4.44مو. پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي ئائىلە 3387 ، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 16211 ئادەم. تامتوغراق يېزىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، پۈتۈن يېزا ئېتىز تۇپرىقى مۇنبەت، يورۇقلۇق، ئىسسقلىق، سۇ بايلىقى مول، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر كېۋەز، ئاشلىق، مېۋە-چېۋە ئاساس قىلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى.
تامتوغراق يېزىسىتامتوغراق يېزىسى ئاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى شەرق شامىلى يايلىقى، دولان يېزىسى، ئايباغ يېزىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، جەنۇبتا مول ھوسۇل 3- مەيدانى، غەرب تەرىپى يېڭىئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمال تەرىپى بەشئېرىق بازىرى بىلەن قوشنا،يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تامتوغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق، شەرق تەرىپى ناھىيە بازىرىغا 6.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، 359-ناھىيە يولى يېزىدىكى ئارال كەنتى، تامتوغراق كەنتى قاتارلىق سەككىز كەنتنى كېسىپ ئۆتىدۇ.
تامتوغراق يېزىسىتامتوغراق يېزىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ . يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1890.7mm، قىروسىز مەزگىلى 211 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2679سائەت؛ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يىللىق پەرقى بىلەن سوتكىلىق پەرقى چوڭ، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ئىسسىقلىق مىقدارى يېتەرلىك، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز ھەم ۋاقىت جەھەتتىن تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يەر ئۈستى سۈيى بىلەن سۇغىرىشقا تايىنىدۇ. پۈتۈن يېزا ئېتىز تۇپرىقى مۇنبەت، يورۇقلۇق، ئىسسقلىق، سۇ بايلىقى مول، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
تامتوغراق يېزىسىتامتوغراق يېزىسى ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر كېۋەز، ئاشلىق، مېۋە-چېۋە ئاساس قىلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش تۈرتكىسىدە، بۇ يېزىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەمگە ئىگە بولغان، كەسىپ تەرەققىياتى كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىپ،كۈچلۈك يۈزلىنىش مەيدانغا كەلگەن.
تامتوغراق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن يېزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق كوچىسى تەخمىنەن 700 مېتىر كېلىدۇ ، «+» شەكىللىك يولغا ئاسفالىت ياتقۇزۇلغان، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 130دىن ئارتۇق سودا، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماتورلۇق رېمونت قاتارلىق مۇلازىمەت سورۇنى جايلاشقان.
يېقىندىن بېرى، تامتوغراق يېزىسى يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يەككە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قاتارىغا قويغان.باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، چىلان، نەشپۈت، ياڭاق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنى يېزا يېڭى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى قىلغان. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بىر قانچە نۆۋەتلىك بەنزىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، يېزا بويىچە باغ كۆلىمى داۋاملىق ئاشقان، چىلان، ياڭاق، نەشپۈتكە ئوخشاش ئەلا سۈپەتلىك مېۋە تېرىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۈنسايىن روشەن بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.