چوڭ توسۇق خادا تاشلىقى

چوڭ توسۇق خادا تاشلىقى
چوڭ توسۇق خادا تاشلىقى ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى مارجان دېڭىزىدا بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق خادا تاش ئارىلى بىلەن تېيىز ساھىلدىن تەركىب تاپقان. ئۇزۇنلۇقى2013 كىلومېتىر، كەڭلىكى16 كىلومېتىردىن20 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، ئەڭ كەڭ جايى240 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى207 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئاۋسترالىيىنىڭ كۋېنسلاند شتاتىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى تەبىئىي ئۇزۇن توسۇقتۇر.

ئىسمى چوڭ توسۇق خادا تاشلىقى
چەتئەلچە نامى Great Barrier Reef
خەنزۇچە ئىسمى 大堡礁
ئورنى ئاۋسترالىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭىز

مارجان خادا تاشلىرى بىر خىل كىچىك كاۋاك ئىچلىكلەر − مارجان قۇرتى تەرىپىدىن يارىتىلغان. مارجان قۇرتلىرى دېڭىز تېگىدىكى ھاك ماددىلىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان جايلاردا ياشايدۇ، ئۇلار دېڭىز يۈسۈنلىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ ھەم ئۇنى ھەزىم قىلغاندىن كېيىن ھاك ماددىلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. قېرىغان مارجان قۇرتلىرى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىمۇ ھاك ماددىسىغا ئارىلىشىپ كېتىدۇ، كىچىك مارجان قۇرتلىرى ئەسلىدىكى ھاك ماددىسى يۇقىرى بولغان جايدا داۋاملىق تۈردە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھالەت نەچچە10 مىڭ يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، غايەت زور مارجان خادا تاشلىرى توپى ھاسىل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سۇ ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ئاراللارنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلار قورغانغا ئوخشاش دېڭىز قىرغاقلىرىنى قوغداپ تۇرغاچقا، توسۇق خادىلار دەپ ئاتالغان.

مارجان

 چوڭ توسۇق خادا تاشتىكى مارجاننىڭ قېلىنلىقى200 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ30 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە. چوڭ توسۇق خادا تاش ئەتراپىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە تۇزلۇقلۇقى مارجان قۇرتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى مارجان خادا تاشلىرى ئىنتايىن كۆپ، يېتىلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، مەزكۇر جاي ئاۋسترالىيىدىكى ئالاھىدە مەنزىرىلىك رايون بولۇپ شەكىللەنگەن.

چوڭ توسۇق خادىلار350 تىن ئارتۇق رەڭگارەڭ مارجاندىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قار ئىچىدە ئېچىلغان مېيخۇا گۈلىگە، بەزىلىرى قانات-قۇيرۇقىنى يېيىپ تۇرغان توزغا، بەزىلىرى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ شاخلىرىغا، يەنە بەزىلىرى نەپىس ئويۇلغان سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئوخشايدۇ. . . . ئەگەر ئايروپىلاندىن پەسكە قارىسىڭىز، مارجان خادا تاشلىرى خۇددى كۆپكۆك دېڭىزدا ئېچىلغان چىرايلىق گۈللەرگە ئوخشايدۇ، گرېن ئارىلىدا يەنە نەپىس ياسالغان سۇ ئاستى كۆزىتىش ئۆيى بار.

بىلىقلار

 ساياھەتچىلەر ئۇ يەردە مارجان خادا تاش ئۆڭكۈرلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان نەچچە يۈز خىل چىرايلىق بېلىق، شۇنداقلا ئاز ئۇچرايدىغان غەلىتە دېڭىز ھايۋانلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنى كۆرەلەيدۇ. دېڭىز تېگىدە مارجان قۇرتلىرى پارازىت ياشايدىغان، ئېغىرلىقى140 كىلوگرام كېلىدىغان سەدەپ قۇلۇلىسى بار. دېڭىزدا يەنە زەھەرلىك سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان چىرايلىق شىر بېلىق، شەكلى تاشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاشبېلىق ۋە غەۋۋاسلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىدىغان كۋېنسلاند سېررانۇس بېلىقى بار بولۇپ، خۇددى بىر خرۇستال ئوردىغا ئوخشايدۇ.

ئايرۇپىلاندىن كۈرنىشى

ھازىر، چوڭ توسۇق خادا تاشلار مارجان قۇرتلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان تىكەن تېرىلىك دېڭىز يۇلتۇزى(دېڭىزدا ياشايدىغان جانلىق) نىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، بەزى مارجان قىيا تاشلىرى بۇزۇلماقتا. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئىجابىي تەدبىر قوللىنىپ، چوڭ توسۇق خادا تاشنى قوغدىماقتا.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#