چىلاپ پىشۇرۇلغان يۇمران توخۇ
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. ئۆلتۈرۈپ تازىلانغان توخۇنى كىچىك-كىچىك پارچىلاپ، جاڭيۇغا ئىككى سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. قازانغا ئۈچ كىلوگرام سۇ قۇيۇپ، توخۇنى سېلىپ ئۇنىڭغا سېرىق ھاراق، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، شېكەر سېلىپ ئوتتۇراھال ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ توخۇنى بىر نەچچە قېتىم ئۆرۈپ پىشۇرۇلىدۇ.
3. توخۇ پىشىپ رەڭگى ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە توخۇنى سۈزۈپ ئېلىپ شورپا بار قازانغا بەش خىل پۇراقلىق دورا-دەرمەكنى سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر خىل خۇش پۇراق چىققاندا توخۇنى يەنە قازاندىكى شورپىغا سېلىپ، ئۈستىدىن كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ 20 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. بۇ ۋاقتىدا بارلىق دورا-دەرمەكلەرنىڭ تەمى توخۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئۆتىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن تەخسىگە ئېلىپ ئۈستىگە شورپا سېپىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.