سېغىزخان

سېغىزخان

 سېغىزخان بولسا، قۇشلار سىنىپى قاغا ئائىلىسىدىكى بىر خىل قۇش. جەمئىي 10 كەنجى تۈرى بار. بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتېمىتىردىن 50 سانتېمىتىرغىچە.

ئويغۇرچە نامى سېغىزخان
لاتىنچە نامى Pica pica
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
كەنجى سىنىپى ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى
كەنجى تۈركۈمى سايرايدىغان قۇشلار كەنجى ئەترىتى
خەنزۇچە نامى 喜鹊
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
تۈركۈمى قۇشقاچسىمانلار ئەترىتى
ئائىلىسى قاغا ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېغىزخان سېغىزخان بولسا، قۇشلار سىنىپى قاغا ئائىلىسىدىكى بىر خىل قۇش. جەمئىي 10 كەنجى تۈرى بار. بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتېمىتىردىن 50 سانتېنىتىرغىچە. ئەركەك - چىشىلىرىنىڭ پەي رەڭگى ئوخشاش، باش، بويۇن، دۈمبە قۇيرۇق ھەممىسى قارا، ھەمدە باشتىن ئاخىرى  ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىنەپشە رەڭلىك، كۆكۈچ يېشىل رەڭ، يېشىل ھەم پارقىراق، قوش قاناتلىرى قارا بولمىسىمۇ، قانات ۋە  مۈرىسىدە چوڭ شەكىللىك ئاق داغ بار، قۇيرۇقى قانىتىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن، شىنا شەكىللىك ھالىتىدە، تۇمشۇق، پۇتلىرى ساپ قارا، قورساق تەرىپى ئارقىلىق كۆكرەك چېگرالىنىپ، ئالدى قارا كەينى ئاق. كۆچمەس قۇشلار.

سېغىزخان سېغىزخان ماسلىشىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان قۇشلار تۈرى، تاغلىق رايون، تۈزلەڭلىكلەردە ياشايدۇ. مەيلى چۆل، ئېتىز، شەھەر ئەتراپى، شەھەر، باغچا ۋە گۈللۈكلەردە ئۇلارنى كۆپ ئۇچىرىتالايمىز. لېكىن بىر ئومۇمىي قانۇنىيەت بويىچە ئىنسانلار پائالىيىتى كۆپ جايلاردا، سېغىزخان تۈر توپى سانىمۇ كۆپ ھاللاردا شۇنچە كۆپ، ئەمما، ئادەم ئاياغ باسمىغان قېلىن ئورمانلىقلاردىمۇ بۇ تۈرلەرنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ. سېغىزخان دائىم توپ بولۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ، كۈندۈزى كەڭ دالا ئېتىزلىرىدىن ئوزۇقلىنىدۇ، كېچىدە ئۇ ئېگىز غوللۇق دەرەخلەردە ئارام ئالىدۇ. سېغىزخان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتكە ناھايىتى ئېپى بار بولغان قۇشلارنىڭ بىرى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى چوڭ دەرەخكە چاڭگا ياساشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ مەھەللە ئەتراپلىرىدا پائالىيەت قىلىدۇ.  

سېغىزخان كۆپىيىشتىن خېلى بۇرۇن، ئۇلار كىلىماتى ئىللىق رايونلاردا، ئادەتتە 3-ئاينىڭ بېشىدىلا ئۇۋا ياسايدۇ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال 

رايونىدا كۆپىنچە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرلىرىدا كۆپىيىشكە باشلاپ، 5 - ئايغىچە داۋالىشىدۇ. ئادەتتە ئۇ قارىغاي، تېرەك، ئېمەن دەرىخى، قارىياغاچ دەرىخى، ياڭاق دەرىخى قاتارلىق ئېگىز غوللۇق دەرەخلەرگە، بەزىدە ئۇ كەنت ئەتراپىدىكى ۋە تاشيول بويىدىكى چوڭ دەرەخكە ئۇۋا ياسايدۇ، بەزىدە ھەتتا يۇقىرى بېسىملىق توك تۈۋرۈكى ئۈستىگىمۇ ئۇۋا ياسايدۇ. ئۇۋا ياساشنى ئەركەك - چىشى قۇشلار بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇۋا ئاساسلىق، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ شاخلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ.

 سېغىزخاننىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ئانتاركتىكا قىتئەسى، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوكيانىيەدىن سىرت،  دۇنيانىڭ ھەر قايسى چوڭ قۇرۇقلۇققا دېگۈدەك تارالغان.

سېغىزخان بۇ تۈرلەر تارقالغان دائىرىسى كەڭ، يېقىنلىشىش ئىنتايىن تەس بولغان جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاجىز ۋە نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان كىرتىك قىممەت ئۆلچىمى ئىنتايىن تۆۋەن، تۈر توپنىڭ سان يۈزلىنىشى مۇقىم، شۇ سەۋەبتىن ياشاش كرىزىس تۈرىگە يوق دەپ باھا بەرگەن.

  لېكىن 21 - ئەسىرنىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، دېھقانچىلىق دورىسى ۋە خىمىيىۋى ئوغۇت شۇنداقلا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەپلىك، سېغىزخان تۈرلىرىنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ، نۇرغۇن جايلاردا كۆرىلىشى ئىنتايىن تەسلەشكەن.   بەزى رايونلارنىڭ يەرلىك ئورۇنلىرىدا نۇقتىلىق قوغدايدىغان قۇشلارئارخىپى قاتارىغا ئاللىقاچان كىرگۈزۈلگەن.  

سېغىزخان ئاساسى ئىلىم - پەن خادىملىرى نەنجىڭ بىلەن خۇنەندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سېغىزخاننىڭ بىر يىللىق ئوزۇقىنىڭ % 80 تىن كۆپرەكىنىڭ ھەممىسى زىرائەتلەرنىڭ زىيانداش ھاشارىتى، مەسىلەن، چېكەتكە، موزايۋېشى، ماي قوڭغۇزى، تۈن پەرۋانىسى، لىچىنكا ياكى قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى قاتارلىقلار، %15 نىڭ ھەممىسى دانلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى، يەنە قۇشقاچ، قۇلۇلە بىلەن مېۋە - چېۋە تۈرى ۋە ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقىنى يەيدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. شۇڭا، سېغىزخاننىڭ ئىنسانلارغا ناھايىتى پايدىسى بار. 

سېغىزخان ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلەر قاپقارا، ئاۋازى چىرقىراق ھەم بىرلا خىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ توختىماي سايراپ كىشىلەرنى بىزار قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنىڭ قاقلىدىغان ئاۋازىنى شۇملۇقنىڭ بېشارىتى دەپ بىلىدىغان بولغان. ئەمەلىيەتتە، قاغىنىڭ يەيدىغان نەرسىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھاشارات تازا كۆپەيگەن ياز پەسلىدە ئاساسلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى يەيدۇ.

سېغىزخان سېغىزخاننىڭ سايرىشىنى ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى، قاغىنىڭ قاقىلىدىغىنىنى بولسا بالا-قازانىڭ بېشارىتى دەپ قاراش پۈتۈنلەي كىشىلەرنىڭ سۇبيېكىتىپ تەسەۋۋۇرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلمىي ئاساسى يوق. ئەگەر سېغىزخان يېقىملىق سايرىسا، بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ھاۋانىڭ ئوچۇق بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، ئەگەر دەرەخكە چىقىۋېلىپ سەكرەپ يۈرسە، قالايمىقان، رىتىمسىز سايرىسا، بۇ ھاۋانىڭ تۇتۇلىدىغانلىقىنىڭ ۋە يامغۇر ياغىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى. ئەمەلىيەتتە، سېغىزخان بىلەن قاغىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىنسانلارنىڭ دوستى. شۇڭا، بىز ئۇلارنى ئاسرىشىمىز، قوغدىشىمىز كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#