ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42-باشلانغۇچ مەكتەپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42-باشلانغۇچ مەكتەپ 1967-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭجياڭ يولى جەنۇبىي بۆلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قۇرۇلۇشقا باشلاپ، 1969-يىلى 10-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان. ئەينى چاغدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى 5 سىنىپى بار بولۇپ، تەنتەربىيە مەيدانى يوق ئىدى. 1974-يىلى چاڭجياڭ كاڭدا باشلانغۇچ مەكتىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 42-باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلىپ، بىر قىسىم يىللىقلاردا يېرىم كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. 1985-يىلى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1993-يىلى، 1994-يىللىرى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇپ سىنىپلىرى ۋە تەنتەربىيە مەيدانى يېڭىدىن قۇرۇلغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىلىنىلىدۇ. سايباغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىگە تەۋە.
1997-يىلى مەملىكەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسى «3.3.3 ساپا» نى تەتقىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 1999-يىلى 10-ئايدا مەركىزىي مائارىپ تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك «توققۇزىنچى بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق پەن-تەتقىقات تېمىسى «3.3.3 ساپا» سى تەجرىبە بازىسى دەپ رەسمىي تەستىقلانغان. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 5504 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ شتاتى 54 نەپەر. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 49 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1156 نەپەر.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.