شاڭ سۇلالىسىدىن مىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان قەدىمىي قەبرە
گۇاڭجۇ شەھەرلىك مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇملىرى تەتقىقات ئاكادىمىيىسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى، ئارخىئولوگ جۇ خەيرېن «گۇاڭجۇ گېزىتى» نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 36 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان زېڭچېڭدا شاڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ تاكى مىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان 25 قەدىمىي قەبرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۇاڭجۇ شەھەرلىك مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇملىرى تەتقىقات ئاكادىمىيىسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى، ئارخىئولوگ جۇ خەيرېن «گۇاڭجۇ گېزىتى» نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 36 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان زېڭچېڭدا شاڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ تاكى مىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان 25 قەدىمىي قەبرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم بايقالغان قەدىمىي قەبرىلەر ئىچىدە شاڭ سۇلالىسىگە ئائىت قەدىمىي قەبرىدىن ئۈچى، غەربىي خەن سۇلالىسىگە ئائىت توپا ئازگاللىق قەبرىدىن بىرى، جەنۇبىي جىن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت خىشتىن قوپۇرۇلغان قەدىمىي قەبرىدىن ئون توققۇزى، تاڭ سۇلالىسىگە ئائىت توپا ئازگاللىق قەبرىدىن بىرى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت قەدىمىي قەبرىدىن بىرى بار ئىكەن.
بايقالغان قەدىمىي قەبرىلەردىن شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش ئايپالتا، خىرۇستال ئويماق، قۇمدىن ياسالغان ساپال پالتا قاتارلىق ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇملىرى، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىس چىنە، مىس داس، ساپال خۇمرا قاتارلىق بۇيۇملار، جەنۇبىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ساپال چەينەك، تۆت قۇلاقلىق خۇمرا، تەخسە، ھېجىر ۋە قەدەھ قاتارلىق مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇملىرى قېزىۋىلىنغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.