سامساق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. سامساق (كۆكتات)
  2. سامساق (خام دورا)
كۆكتات

سامساق گۈلسامساق ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سامساق
تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئاسىيانىڭ غەربى ئىگىزلىكلىرى، ھازىرقى خېنەن ، شەندۇڭ ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر دە ئۆستۈرۈلىدۇ .
تىپى ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى گۈلسامساق تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى پىياز ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى 大蒜
تەۋەلىكى ئۆسۈمۈلكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى گۈلسامساق ئائىلىسى
تۈرى سامساق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

    سامساق گۈلسامساق ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ئۆسۈملۈك  بولۇپ ، يىلتىزى ساقالسىمان چاچما يىلتىز بولۇپ، ھەقىقىي غولى ياپىلاق ھەم يۇمىلاق تەخسىسىمان غولدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا 8 ~13 تالغىچە يوپۇرماق ئۆسىدىغان بولۇپ، يوپۇرمىقى ياپىلاق ھەم تار تاسمىسىمان كېلىدۇ. 

يوپۇرماق غىلىپى ئورىلىپ كانايسىمان يالغان غولنى شەكىللەندۈرىدۇ. سامساقنىڭ تەڭگىچە غولى سامساق چىشى(تىلىمچىلىرى) دىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئوزۇقلۇق زاپاس ساقلاش ۋە كۆپىيىش ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ.

     سامساقنىڭ سورتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سامساق چىشلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ چوڭ چىشلىق سامساق ۋە كىچىك چىشلىق سامساق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى سامساق بېشى ئېلىشقا ماس كېلىدىغان بولۇپ، تەمى ئاچچىق، مەھسۇلاتى يۇقىرى بولىدۇ؛ كېيىنكىسى سامساق مايسىسى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ، يېشىل كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. داڭلىق لياۋنىڭ سامسىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سامساق بېشى  200 گرام ئەتراپىدا كېلىدىكەن. خاتىرىلىنىشىچە، مەنچىڭ دەۋرىدە بۇ خىل سامساق داڭلىق كۆكتات ئورنىدا ئوردىغا سوۋغا قىلىنىدىكەن.

     بۇنىڭدىن  5000 يىللار ئىلگىرىلا قەدىمكى مىسىر ۋە رىملىقلار سامساق يېسە كېسەل داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىغا، شۇنىڭدەك ئادەمنى ساغلام ھەم باتۇر قىلىپ يېتىلدۈرىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن. قەدىمكى يۇناندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارغا روھلاندۇرۇش دورىسى(ستىمۇلانت) ئورنىدا سامساق يېگۈزۈلگەن. سامساق تەركىبىدە ئۇچۇپان «ئاللىتسىن(سامساق ماددىسى) » بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى ھەم خولېرا يايسىمان باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. ئامېرىكا مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سامساق يەنە قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى ئېسىل دورا ھېسابلىنىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، سامساق يەنە ئادەم تېنىدىكى نىتروزامىن(راك پەيدا قىلغۇچى ماددا) نىڭ سىنتېزلىنىشى ۋە سۈمۈرۈشىنى كۆپ جەھەتتىن توسۇپ، ئادەم تېنىنىڭ راكقا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدىكەن.

ياپونىيىدە كىشىلەر بىر خىل پۇراقسىز سامساقنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل سامساقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى سامساقتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىكەن.

 ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#