- يېڭىئاۋات يېزىسى (ئۇچتۇرپان ناھىيەسى)
- يېڭىئاۋات يېزىسى (خوتەن ناھىيەسى)
- يېڭىئاۋات يېزىسى (يېڭىشەھەر ناھىيەسى)
يېڭىئاۋات يېزىسى
يېڭىئاۋات يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا.كۆلىمى 2404 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 15 مىڭ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يېڭىئاۋات يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. 1959-يىلى يېڭىئاۋات گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1984-يىلى يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن. شىمالىي قىرغىزىستان بىلەن قوشنا. ناھىيە تەۋەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 2404 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 15 مىڭ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىزغىز،خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %98.1 ىنى ئىگىلەيدۇ. ناھىيە-يېزا ئارىسىدا تاشيول بار.
كىلىماتى
يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سالام جىلغىسىدىن توشقان دەرياسى بويىغىچە بولغان رايونلار يەر تەۋرەش رايونى. يازدا سالقىن، قىشتا قاتتىق سوغۇق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ھۆل-يېغىن ئاز، قىراۋسىز مەزگىلى قىسقا، كۈن چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن؛ بوران پەسلى كۆپىنچە 6-3 ئايغىچە، شامال يۆنىلىشى كۆپىنچە غەربىي شىمال يۆنىلىشتە؛ ھۆل-يېغىن پەسلى7-4 ئايلار، لېكىن ناھايىتى قىسقا داۋام قىلىدۇ، يامغۇر مىقدارى ئانچە كۆپ ئەمەس؛ تاغلىق رايونلاردا دائىم مۆلدۈر ياغىدۇ، مۆلدۈر يېغىش ۋاقتى تەخمىنەن 4-8 ئايلار؛ مۇز تۇتۇش مەزگىلى تەخمىنەن 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، 3-ئاينىڭ باشلىرىدا مۇز ئېرىيدۇ.
يېڭىئاۋات يېزىسىيېڭىئاۋات يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قوناق، شال، كېۋەز، قىزىلچا، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، ياغلىق داننى ئاساس قىلىدۇ. 2002-يىلى يېزا بويىچە يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 115 مىڭ تۇياق بۇلۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1509 يۈەن بولغان.
يېڭىئاۋات يېزىسىدورا ماتېرىياللىرىدىن : يۇلغۇن، جىغان، چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر كەندىرى، سېرىق كەندىر، باربىت سۆسۈن، قارا زىرە، سېرىق ئەمەن، كۆك بۇيا، زاغزاق، بېسىلغاق، كۆك يانتاق، قومۇش، چىغىرتماق، جىجى، قارا قىياق، ماررام ئوتى، تۈگۈنەكلىك پىيزەك، يىكەن، قوغا جاي، چوڭ پىيىزەك، قىياق، قار لەيلىسى، ئارچا ياڭ قاتارلىقلار؛
ياۋايى ھايۋانلاردىن : جەرەن، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، ئوسما قوي، تۈلكە، ئۇلار، قىرغاۋۇل، بۆرە، قۇلان، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە قاتارلىقلار بار.
يېزا تەۋەسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورۇنلىرىدىن يېڭىئايماق قەدىمىي شەھىرى خارابىسى ۋە توققۇز ساراي مىڭئۆي خارابىسى بار.
يېڭىئاۋات يېزىسى تەۋەسىدە داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن يېڭىئايماق قەدىمىي شەھىرى خارابىسى ۋە توققۇز ساراي مىڭئۆي خارابىسى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.