تېرەك يېزىسى
تېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تېرەك يېزىسىتېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە جايلاشقان. پۈتۈن يېزا قارمىقىدا ئىككى كەنت ئاھالە كومىتېتى، سەككىز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار، جەمئىي 681 ئائىلە، 3282 ئادەم بار، قىرغىزلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.3 نى ئىگىلەيدۇ. قاتناش قۇلايلىق، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 كىلومېتىر، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئاتۇش شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر.
تېرەك يېزىسىتېرەك يېزىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسى شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقىي جەنۇبتا ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسى ۋە ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي بايقۇرۇت يېزىسى بىلەن، غەربىي شىمالى تويۇن يېزىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي شىمال قىسمى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ. مۇستەقىل سۇ سىستېمىسى-- تېرەك دەرياسى بار.
تېرەك يېزىسىتېرەك يېزىسى ئىقتىسادى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن. چارۋىچىلىقتا ئاساسلىقى قوي، ئۆچكە، سېرىق كالا، تۆگە، ئات قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. سۇ بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى10~7 گىرادۇس. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.