پۇنۇس ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پۇنۇس ئۇرۇقى بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق چاتقالسىمان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ گال يوپۇرماقلىق پۇنۇس ياكى ئاددىي پۇنۇسنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت، ئالدىنقىسى چوڭ پۇنۇس، كېيىنكىسى كىچىك پۇنۇس دېيىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «پۈنۈس ئۇرۇقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
چوڭ پۇنۇس ئۇرۇقى: تۆت قىرىلىق، قىسقاسىلىنىدىر شەكىللىك، بىر ئۇچى يۇمىلاق، يەنە بىر ئۇچى سىڭايان بولىدۇ، چوڭ پۇنۇس پۇراقسىز، سەل يېپىشقاق بولىدۇ.
كىچىك پۇنۇس: دانلىـرى چوڭ، رەڭگى يېشـىل، خورما رەڭلىك.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
1. قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى: پۇنۇس ئۇرۇقىنىڭ سۇدىكى چىلانمىسى ۋە ئىسپىرتتىكى چىلانمىسى ناركوز قىلىنغان ھايۋاناتلارغا نىسبەتەن قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ۋە سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىنى بېرىدۇ. كلىنىكىدا يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاش ئۈچۈن بۇ دورىنى باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ياكى يەككە ھالدا ئىشلەتسە، مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
2. قان مېيىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى: يۇقىرى خولېستېرىنلىق ئۆي توشقىنىغا 10 گرام ئەتراپىدا پۇنۇس ئۇرۇقى ئۈچ ئايغىچە داۋاملىق بېرىلسە، نەتىجىدە قان زەردابى خولېستېرىننىڭ ئۆرلىشىنى تورمۇزلاش ۋە غول قىزىلقان تومۇرى بوتقىسىمان قېتىشى، داغ ھاسىل قىلىش تەسىرىنى بېرىدۇ. كلىنىكىدا يۇقىرى قان مېيى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، لېكىن بەزىدە تەسىرى تۇراقلىق ئەمەس.
3. باكتېرىيە تورمۇزلاش تەسىرى: پۇنۇس ئۇرۇقى ئىسپىرتلىق ئېرىتمىسى ياكى قايناتمىسى كۆپ خىل تېرە زەمبۇرۇغلىرىنى ۋە باكتېرىيىلەرنى تورمۇزلايدۇ، پۇنۇس ئۇرۇقى تەركىبىدە تۇتقان رەۋەن كىسلاتاسى توق قىزىل رەڭگلىك تەمرەتكە پەيدا قىلغۇچى زەمبۇرۇغ، چاچ - ساقال تەمرەتكىسى زەمبۇرۇغى، ئىت كىچىك سپورىلىق باكتېرىيە، گىپىستەك كىچىك لىپورىلىق باكتېرىيە قاتارلىق كېسەل پەيدا قىلغۇچى تىرەزەھبۇرۇغلىرىنى تورمۇزلايدۇ. كلىنكىدا ھىندىستا، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلق ئارىسىدا تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە پۇنۇ ئۇرۇقى قايناتمىسى باكتېرىيىلىك جىنسىي يول ياللۇغى كېسەللىكىرىنى داۋالاشتا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەندە، كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلانغان ياكى پۈتۈنلەي يوقالغان.
4. پۇنۇس تەركىبىدە تۇتقان P,S,N كۆپ خىل مۇرەككەپ قەنت تۈرىدىكى ماددىلار بولۇپ، ئۇلار سۇدا ئېرىيدۇ. ئىسپىرتتا ئېرىمەيدۇ. بۇ بالىياتقۇنى قىسارتىىدۇ ھەم تۇغۇنى تېزلىتىش تەسىرى بار.
5. قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىشىشىغا قارشى ئۈنۈمگە ئىگە.
6. جىگەرنى قوغداش تەسىرىگە ئىگە.
7. ئىچ سۈرۈش، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئىشلىنىشىنى تىزلىتىش رولىغا ئىگە.
1. پۇنۇس ئۇرۇقىنى نەمدەپ بىر قانچە كۈن قاچىدا قويۇپ، ئېچىغاندىن كېيىن تەمرەتكىگە سۈركىسە تەمرەتكە ساقىيىدۇ.
2. پۇنۇس ئۇرۇقى، شاھتەررە، چۆبچىن قاتارلىق دورىلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچسە ياكى بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، قىچىشقاق ۋە تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، قان تازىلايدۇ.
مەلھىمى قۇبا.
قان بۇزۇلۇش، جوزام، قۇبا، قىچىشقاق، تەمرەتكە، بەھەق، بەرەس ۋە داغ، سەپكۈنلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
چوڭ پۇنۇس تەركىبىدە ئانىتراكۋىنون تۈرىدىكى ئۆزگىرىشتىن ھاسىل بولغان ماددا بار. بۇلار ئىمودىن (Emodin)، فىزىتسون (Physcin)، ئالوي - ئىمودىن (aloe-emodin)، رەۋەن كىسلاتاسى (shrysophanol)، ئوبتوزى فولىن (obtusifolin)، ئوبتوسىن (odtusin) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كسسىيازىدى (cassiside) لارمۇ بار. ئاددىي پۇنۇسنىڭ تەركىبىدە ئانىتراكۋىنون خىلىدىكى ئۆزگىرىشتىن ھاسىل بولغان ماددىلار بار. يەنى بۇنىڭدا تورالاكتون (Toralactone)، توراخرىزون (Torachrysone) ۋە ۋىتامىن A غا ئوخشاش ماددىلار بار.
بۇ ئىككى خىل پۇنۇسنىڭ تەركىبىدە يەنە ئاقسىل - ئامىنو كىسلاتا، مايلىقياغ، ماي كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى) [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.