جۇڭگو كىنو موزاي مۇكاپاتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
موزاي مۇكاپاتى1985-يىلى مەملىكىتىمىزدە تۇنجى قېتىم بالىلار كىنو مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى. شۇ يىلى جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە كالا يىلى بولغانلىقتىن، مۇكاپاتقا «موزاي مۇكاپاتى» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماس» ۋە «كالا بولۇپ باش ئېگىمەن سەبىي بالىلارغا» دېگەن ئىككى خىل مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۈملىدىن بالىلارنىڭ ئالغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، بالىلار كىنو خادىملىرىنىڭ كۆپرەك تۆھپە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش كۆزدە تۇتۇلغان. ئالىي مۇكاپات بۇيۇمى قېتىشمىدىن ياسالغان موزاي ھەيكىلى.
«موزاي مۇكاپاتى» ھەرئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ. باھالاش كومىتېتى جۇڭگو بالىلار كىنوچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان داڭلىق كىنو مۇتەخەسسىسلىرى، بالىلار مائارىپچىلىرى ۋە بالىلار خىزمەت خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر نۆۋەت. باھالاش كومىتېتى يەنە بالىلار ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ باھالاشقا قاتناشتۇرىدۇ ۋە ئۇلاردىن پىكىر ئالىدۇ.
«موزاي مۇكاپاتى» نىڭ مۇكاپات تۈرلىرى: ھېكايە فىلىم، گۈزەل سەنئەت فىلىمى، ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىملەر مۇكاپاتى ۋە مۇنەۋۋەر بالا ئاكتيورلارغا بېرىلىدىغان ئورۇنداش مۇكاپاتىدىن ئىبارەت. چەت ئەل ۋە شياڭگاڭ، تەيۋەنلەرنىڭ مۇنەۋۋەر بالىلار فىلىملىرىمۇ مۇكاپاتلاشقا قاتناشسا بولىدۇ. شۇ يىلقى ئىشلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن يەنە سېنارىست، رېژىسسور، گۈزەل سەنئەت خادىمى، كومپوزىتور، ئۈن ئالغۇچى، ئالاھىدە تېخنىك، كېسىپ ئۇلىغۇچى، گىرىمچى، كىيىمچىك، جابدۇقچى قاتارلىق تاق تۈردىكى مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.