قۇندۇز تەبئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇلغىن قۇندۇز تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون چىڭگىل ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدىكى بۇلغىن دەرياسنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى لاتقىلىق دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400 مېتىردىن 1900 مېتىرغىچە كېلىدۇ . كۆلىمى 5000 گېكتار بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃3 ، يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى 130 مىللىمېتىر ئەتراپىدا . قۇندۇز ياشاۋاتقان بۇلغىن دەرياسىنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 381 مىليون كۇب مېتىر ، ئىككى قىرغىقىدا قويۇق ئۆسكەن بېتۇلا قېيىن دەرىخى ۋە كۆپ خىل تېرەك ، تال قاتارلىق كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەر بولۇپ ، ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان قۇندۇز ياشايدىغان بىردىنبىر رايون .
قۇندۇزقۇندۇز غاجىغۇچىلار ئائىلىسىدىن بولۇپ ، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر ، ئاساسەن تېرەك ، تال يوپۇرماقلىرى ھەم دەرەخ قوۋزاقلىرىنى يەيدۇ ، كۆپىنچە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ . قۇندۇزنىڭ قۇيرۇق قىسىمىدا پۇراقلىق ماتېرىياللارنى ساقلايدىغان بېزى بولۇپ ، كاستور دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە ئېكولوگىيىلىك قىممىتى ئىنتايىن زور .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنخۇا تورى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.