پېرسىيە ئىمپېرىيەسى

پېرسىيە ئىمپېرىيەسى

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە مىدىيە بىلەن بابىلون ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 553-يىلى ئاخمېنىدلار نەسەبىدىن كېلىپ چىققان پارس ئاقسۆڭەك كۇرۇسⅡ ھەرقايسى پارس قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاخمېند پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 550-يىلى كۇرۇسⅡ پېرسىيە پادىشاھى بولغان.

ئۇيغۇرچە نامى پېرسىيە ئىمپېرىيەسى
خەنزۇچە نامى 波斯帝国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى پېرسېپولىس
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق تۈزۈم
ئەلباشى كۇرۇسⅡ،دارىئۇسⅠ
ئاساسلىق مىللىتى پارىس، يەھۇدى، مىسىرلىقلار
ئاساسلىق دىنى زوروئاستىرىزم دىنى، ئىسلام دىنى، يەھۇدى دىنى
ئاساسلىق شەھەرلىرى بابىلون، ئىسفاھان
باشقا نامى Persian Empire

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېرسىيە ئىمپېرىيەسىپېرسىيە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى باش كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئىران ئېگىزلىكىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېلان ۋە مىدىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بارلىققا كەلگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە مىدىيە بىلەن بابىلون ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 553-يىلى ئاخمېنىدلار نەسەبىدىن كېلىپ چىققان پارس ئاقسۆڭەك كۇرۇسⅡ ھەرقايسى پارس قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاخمېند پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 550-يىلى كۇرۇسⅡ پېرسىيە پادىشاھى بولغان.

پېرسىيە ئىمپېرىيەسىپېرسىيە ئىمپېرىيىسى دارىئۇسⅠ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەڭ گۈللەنگەنىدى. ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن باشلىنىپ غەربتە ئېگېي دېڭىزىغىچە، شىمالدا كاسپى دېڭىزىغا، جەنۇبتا مىسىرغىچە كېڭەيگەن. يېرىم ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، پېرسىيە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ مىسلىسىز چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. 

كۇرۇسⅡ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى كامبىس تەختكە چىقىپ، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 525-يىلى مىسىرنى بويسۇندۇرغان ھەمدە قوشۇننى بۆلۈپ غەربتە لىۋىيە، جەنۇبتا نوبىيىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. غەربىي يولدىكى قوشۇن قۇم بورانغا دۇچ كېلىپ كۆمۈلۈپ كەتكەن، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى 2500 يىلدىن كېيىن مىسىر ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن تېپىلدى. جەنۇبىي يولدىكى قوشۇنلارمۇ ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. كامبىس يىراقتا ئىستېلا ئۇرۇشى قىلىۋاتقاندا، غەربىي ئاسىيادىكى ئىستېلا قىلىنغان جايلاردا تۇشمۇتۇشتىن پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان، پېرسىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىمۇ سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. كامبىس ئالدىراپ-تېنەپ دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ سۈرىيىگە كەلگەندە ئۆلگەن (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى522-يىلى) ، كېيىن كۇرۇسنىڭ كۈيئوغلى دارىئۇس دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى باستۇرۇپ پادىشاھلىق تەختكە چىقىپ، دارىئۇسⅠ دەپ ئاتالغان. ئاندىن ئۇ شەخسەن ئۆزى زور قوشۇننى باشلاپ غەربىي ئاسىيادىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دۆلەتلەرنى تىنچىتىپ توققۇز پادىشاھنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئاخمېند پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن تىكلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، قوزغىلاڭنى باستۇرۇش جەريانىنى پارسچە، ئېلامچە، بابىلونچە ئۈچ خىل مىخ يېزىق بىلەن بېخستون دېگەن جايدىكى قىياغا ئويدۇرغان. مانا بۇ مەشھۇر «بېخستون ئويما يېزىقى» دۇر.

پېرسىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ۋەھىمىگە سالغان. لۈدىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر پېرسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تەشكىللىگەن، ئۇزاق ئۆتمەي پېرسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ يوقىتىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 540-يىلى پېرسىيە لۈدىيىنى يوقاتقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 538-يىلى بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، پۈتكۈل غەربىي ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي كۇرۇسⅡ شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن تارتقان. ئۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 529-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چارۋىچى قەبىلىلەر بىلەن بولغان جەڭدە ئالەمدىن ئۆتكەن. 

دارىئۇسⅠ ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مالىمانچىلىقلارنى تىنچىتقاندىن كېيىن، داۋاملىق سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 518-يىلى، دارىئۇسⅠ يىراققا يۈرۈش قىلىپ ھىندى دەرياسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئارقىغا يېنىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ يۇنانغا تەھدىت سالغان، شۇنىڭ بىلەن يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان «يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى» پارتلىغان.


پېرسىيە ئىمپېرىيىسى يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 330-يىلىغا كەلگەندە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن يەنە بىر ئىمپېرىيە − ماكېدونىيىدىكى ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#