قاما (سۇ چاشقىنى)

قاما ھاياتىنىڭ يېرىمىنى سۇدا ئۆتكۈزىدىغان ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىقى چوڭ، كىچىك كۆللەردە، تاغ ئېقىنلىرىدىن ھاسىل بولغان كىچىك كۆللەردە، سۇ ئامبارلىرىدا، بولۇپمۇ سۈيى ئاستا ئاقىدىغان، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بولمىغان سۈزۈك سۇلاردا، بېلىقلار نىسبەتەن كۆپ بولغان سۇلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى قاما
خەنزۇچە ئاتىلىشى 水獭
چەتئەلچە ئاتىلىشى Eurasian River Otter
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
باشقا ئاتىلىشى سۇ ئىتى، چوڭ سۇ چاشقىنى،
لاتىنچە ئاتىلىشى Lutra lutra
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار ئەتىرىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاما (سۇ چاشقىنى)تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، بېشى ياپىلاق ھەم كەڭ، كۆزى كىچىك، قۇلىقى كىچىك ھەم ياپىلاق بولىدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى50-80سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى30-50سانتىمېتىر، تەن ئېغىرلىقى 5–10 كىلوگرام كېلىدۇ. تۇمشۇقى ئالدىغا پولتىيىپ چىققان ھالەتتە بولىدۇ. 

 بەدەن تۈكلىرى قىسقا، قويۇق بولۇپ، رەڭگى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ ھەم ناھايىتى پارقىرايدۇ. تېنىنىڭ ئۈستىنىڭ رەڭگى قېنىق، ئاستىنىڭ رەڭگى سۇسراق بولىدۇ. تۇمشۇقىدا ئۇزۇن، قارا بۇرۇتچىلىرى بولىدۇ. بويۇن ئاستى قىسمى ۋە كۆكرەك قىسمى سەل قىزغۇچ بولىدۇ. بەدەن تۈركلىرىنىڭ ئاستى قىسمى سەل ئاقۇچ كېلىدۇ، باش سۆڭىكى سەل كەڭرەك ھەم ياپىلاق كېلىدۇ. چىش فورمۇلىسى 36=2.3.1.3/1.4.3.1 بولىدۇ.بۇرۇن، قۇلاق تۆشۈكچىلىرىدە ياغاقچە پەردىلىرى بولۇپ، ئۇ سۇغا كىرگەندە ئېتىلىپ قېلىپ بۇرنى ۋە قۇلىقىغا سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۆت پۇتى قىسقا، دىقماق بولىدۇ. بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدا ياغاق پەردىلىرى بولىدۇ.

تىرناقلىرى ياپىلاق ھەم ئىلمەكلەشكەن بولىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ ئۇچى قىسمى ئىنچىكە، تۈۋى قىسمى توم بولىدۇ. ئادەتتە قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ تەخمىنەن %50 ىگە توغرا كېلىدۇ .

قاما (سۇ چاشقىنى)

قاما (سۇ چاشقىنى) نىڭ 14 كەنجى تۈرى بار.

ئالجىرىيە كەنجى تۈرى، گۇئال كەنجى تۈرى، تايلاند كەنجى تۈرى، جۇڭگو كەنجى تۈرى، خەينەن كەنجى تۈرى، شىزاڭ كەنجى تۈرى، كاۋكاز كەنجى تۈرى، تەيبىي كەنجى تۈرى، دىئەنشى كەنجى تۈرى، نىپال كەنجى تۈرى، ياپونىيە كەنجى تۈرى، ئىرلاندىيە كەنجى تۈرى، پامىر كەنجى تۈرى، قاتارلىقلار...

قاما (سۇ چاشقىنى)قاما ھاياتىنىڭ يېرىمىنى سۇدا ئۆتكۈزىدىغان ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىقى چوڭ، كىچىك كۆللەردە، تاغ ئېقىنلىرىدىن ھاسىل بولغان كىچىك كۆللەردە، سۇ ئامبارلىرىدا، بولۇپمۇ سۈيى ئاستا ئاقىدىغان، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بولمىغان سۈزۈك سۇلاردا، بېلىقلار نىسبەتەن كۆپ بولغان سۇلاردا ياشاشنىياخشى كۆرىدۇ. ئادەتتە مۇقىم ئۇۋىسى بولمايدۇ، پەقەت كۆپىيىش ۋاقتىدىلا مۇقىمئۇۋىسى بولىدۇ. 

ئۇۋىسى ئادەتتە سۇ بويلىرىدىكى تاشلار ئارىسىدا ياكى چوڭ دەرەخلەرنىڭ يىلتىزلىرى ئارىسىدا بولىدۇ. ئۇۋىسىنىڭ بىرقانچە ئېغىزى بولۇپ، ئادەتتەئۇۋىسىنىڭ ئېغىزى سۇ يۈزىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئۇۋىسىنىڭ يەنە بىر ئېغىزى قۇرۇقلۇققا ئېچىلغان بولۇپ، ھاۋا ئۆتۈشۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇۋىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى -قى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا 02- 03 سانتىمېتىر بولىدۇ. ئۇۋىسىغا ئوت - چۆپ، شاخ - يوپۇرماقلارنى يېيىتىدۇ. ئەگەر ئۇۋىسىنىڭ نەملىكى يۇقىرى بولىدىغان بولسا، يېيىتىدىغان نەرسىلىرى قېلىن بولىدۇ. ئۇۋىسى ئېغىزىدا دائىم بېلىق ئۇستىخىنى ۋە يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. يامغۇر پەسلىدە ئۇۋىسىنى سۇ بېسىپ كەتكەن چاغلاردا، ئۇ شۇ ئەتراپتىكى ئوتلاق، چاتقال ئورمانلار ئىچىدە ياشايدۇ.

قاما (سۇ چاشقىنى) ئۇ ئاساسلىقى بېلىقنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئۇ سۇدا تىرىك بېلىقنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپ ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىسقۇچپاقا، راك، چار پاقا، سۇ قۇشلىرى، سۇ ھاشاراتلىرى ۋە ئۆز ھەرىكەت دائىرىسىدىكى غاجىلىغۇچىلار بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ، ھەتتا ياۋا مېۋىلەر بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ.

 قاما كۈندۈزى ئاساسەن ھەرىكەت قىلماي ئۇۋىسىدا دەم ئېلىپ، قاش قارايغاندا ۋە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھاۋا ئوچۇق ئايدىڭ كېچىلەردە ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىنىپ كېتىدۇ. سۇغا شۇڭغۇشقا ۋە سۇ ئۈزۈشكە ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ.ئۇنىڭ ئارقا پۇتى ئۈزگۈچلۈك (پالاقلىق) رولىنى ئوينىسا، قۇيرۇقى باشقۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ ئادەتتە سۇ بويىدا تۇرۇپ كۆزىتىپ بېلىقنى كۆرگەن ھامان سۇدا قوغلاپ تۇتىدۇ. ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ. ‹‹ئانا›› قاما بالىلىرى بىلەن بىللە ياشايدۇ. ئۇنىڭ باش باھاردا سۇدىن چىقىپ ئاپتاپسىنىدىغان ئادىتى بار، تومۇز كۈنلىرى كېچىدە سالقىنلايدىغان ئادىتىمۇ بار. ئۇنىڭ ئاڭلاش، پۇراش سەزگۈسى تەرەققىي قىلغان. كۆرۈش سەزگۈسى ئالاھىدە بولۇپ، سۇدا، قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا ماسلاشقان.

قاما (سۇ چاشقىنى) بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە كۈيلەش، چېتىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. لېكىن، ئەتىياز، يازدا كۆپىيىشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار سۇدىكى چىقىپ تۇرغان نەرسىلەر ئۈستىدە ياكى سۇنىڭ تېيىز يەرلىرىدە چېتىشىدۇ. ھەر قېتىمدا 1- 5 كېچە، كۆپىنچە ئىككىنى تۇغىدۇ. بالىلىرىنى ئىككى ئاي سۈت بىلەن باققاندىن كېيىن بالىلىرى ‹‹ئانا››سىغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. يېرىم يىل بىللە ياشىغاندىن كېيىن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ. بوغاز مەزگىلى ئىككى ئاي بولىدۇ. بالىلىرى بىر ياشتا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ.

قاما (سۇ چاشقىنى)

دۆلىتىمىز تەۋەسىگە قامىنىڭ بەش كەنجى تۈرى تارقالغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىگە بىرلا كەنجى تۈرى، يەنى كۆرسەتكۈچ كەنجى تۈرى تارقالغان. ئۇ قابا، بۇرچىن، چىڭگىل، غۇلجا، قورغاس، كۈنەس، نىلقا، تېكەس، فۇكاڭ قاتارلىق چايلارغا تارقالغان. بۇ كەنجى تۈر ئىچكى ئۆلكىلەردە يەنە ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، جىلىنلارغا تارقالغان. چەت ئەللەردە ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا، ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تارقالغان.

قاما (سۇ چاشقىنى)

قامىنىڭ تۈك - تىۋىتلىرى قويۇق، يۇمشاق، چىرايلىق بولۇپ، خۇرۇم چاپان ياقىلىرى ۋە باش كىيىم تىكىلىدىغان ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن تىكىلگەن كىيىملەر ناھايىتى چىرايلىق ھەم يۇمشاق بولىدۇ. دۆلىتىمىز ئۇنىڭ تېرىسىنى ئاساسلىقى چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىدۇ. قامىنىڭ جىگىرى جۇڭگو تېبابىتىدە دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قولدا بېقىپ پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/11298.htm

2.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556622.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#