تۆمۈرلۈك يېزىسى
تۆمۈرلۈك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۆمۈرلۈك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا. ئۇيغۇر تىلىدا «تۆمۈرچىلەر جايى، تۆمۈرچىلەر تۇرۇشلۇق جاي» دېگەن نامدا بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.
1909-يىلى چاقلىق ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا چۈ ۋاڭ يېزىسى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون تەسىس قىلىنغان.
1950-يىلىدىن 1958 يىلىغىچە بۇ رايون چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تەۋەلىكىدىكى 1-رايون بولغان.
1975-يىلى چاقىلىق ناھىيەسى جەنۇبى تاغ مەمۇرىي باشقۇرۇش رايونى تەۋەلىكىدە بولغان.
1983-يىلى 11-ئايدا، تۆمۈرلۈك يېزىسى قۇرۇلغان، چىمەنتاغ رايۇنىغا قاراشلىق بولغان.
2005-يىلى 3-ئايدا چىمەنتاغ رايونى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۆزگەرتىلىپ ناھىيەگە قاراشلىق يېزا قىلىنغان.
تۆمۈرلۈك يېزىسىدا بىر دوختۇرخانا، بىر مال دوختۇرلۇق پونكىتى قۇرۇلغان. يېتىمبۇلاق بازىرىغان بارىدىغان ۋە چىڭخەي چىگرا تەۋەسىدىكى يېزا تاشيولى ۋە تاغلىق رايوندىكى ھەرقايسى ئاددىي تاشيوللار تۇتاشتۇرۇلغان.
كۆلىمى 2.63 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 296 ئادەم بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى ئۇيغۇر.
تۆمۈرلۈك يېزىسى قاراشلىقىدا بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي تۆمۈرلۈك كەنتى قاتارلىقلار بار، بىرلا خىل چارۋىچىلىق خاراكتېرلىك يېزا، ناھىيەنىڭ ئاساسلىق چارۋىچىلىق بازىسى.
تۆمۈرلۈك يېزىسى چياڭتاڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، ئالتۇن تاغ بىلەن چىمەن تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىققا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 288 كىلومېتىر، شەرق تەرىپى چىڭخەي بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبتا چىمەنتاغ يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي تەرىپى يېتىمبۇلاق بازىرى بىلەن قوشنا.
تۆمۈرلۈك يېزىسى تەۋەسىدە تاشپاختا، كۆمۈر، خرۇستال، يۇنمۇ، سېرىق ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، سىنك قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.
دۆلەت تەرپىدىن قوغدىلىدىغان ياۋا ئېشەك، ياۋا قوي، ياۋا قوتاز قاتارلىق ھايۋانلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.