تۇيۇق مىڭئۆيى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇيۇق مىڭئۆيى تەخمىنەن مىلادىيە 5-ئەسىردە ياسىلىپ، مىلادىيە 13-ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن. ئۇ شىنجاڭدىكى تارىخى ئۇزاق، كۆلىمى ئەڭ چوڭ مىڭئۆي خارابىسىدۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، نۇرغۇن چەت ئەللىك ئېكىسپېدىتسىيەچى تۇيۇق مىڭئۆيدىن زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ ئېلىپ كەتكەن.
تۇيۇق مىڭئۆي خارابىسى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېلان قىلغان ‹‹ 2010-يىلى جۇڭگۇدىكى ئالتە چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش›› نىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ، مىلادىيە 4-ۋە 5-ئەسىرلەرگە مەنسۇپ مىڭئۆي خارابىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. تۇيۇق مىڭئۆيىدىكى مەبۇتلار ئەڭ بۇرۇن غەربىي جىن ۋە 16 بەگلىك دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. جەنۇبىي شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە تۇيۇق مىڭئۆيى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۈنخۇاڭدىكى موگاۋ غارىدىن بۇرۇن ياسالغان. ساقلىنىۋاتقان تام سىزمىلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ھەيران قالدۇرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.