دولان چالغۇ ئەسۋابلىرى

دولان

دولان مەشرەپلىرىدە دولان مۇقامى ئۆزىگە خاس بىر قىسىم چالغۇ ئەسۋابلارئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ . مەشرەپلەردەئورۇنلىنىدىغان مۇنداق چالغۇ ئەسۋابلار - دولان چالغۇ ئەسۋابلىرى دەپ ئاتىلىدۇ .دولان چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن -ئاساسلىق قالۇن ، دولان راۋابى ، دولان قىل غىجىكى ۋە نەغمە دېپى قاتارلىق تۆت چالغۇ بار.

ئۇيغۇرچە دولان چالغۇ ئەسۋابلىرى
تۈرى چالغۇ ئەسۋاب
خەنزۇچە 刀郎音乐器
تارقىلىشى مەكىت،مارالبىشى،ئاقسۇ ئاۋات

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دولان چالغۇلىرىدولان مەشرەپلىرىدە دولان مۇقامى ئۆزىگە خاس بىر قىسىم چالغۇ ئەسۋابلارئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ . مەشرەپلەردەئورۇنلىنىدىغان مۇنداق چالغۇ ئەسۋابلار - دولان چالغۇ ئەسۋابلىرى دەپ ئاتىلىدۇ .دولان چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن -ئاساسلىق قالۇن ، دولان راۋابى ، دولان قىل غىجىكى ۋە نەغمە دېپى قاتارلىق تۆت چالغۇ بار.

 دولان چالغۇ ئەسۋابلىرى -- قالۇن ، دولان راۋابى ، دولان قىل غىجىكى ۋە نەغمە دېپى بار بولۇپ ، ھازىر بىر بۇتۆت چالغۇ ئەسۋابى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى : 

 قالۇن

قالۇن دولان چالغۇ ئەسۋابى قالۇن ھەققىدە موللا ئىنمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى ئۆزىنىڭ; تاۋارىخىيمۇسقىيۇن; دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپيازىدۇ ; فارابى قالۇننى ئۆز قولى بىلەن ياساپ سىم تارتىپ چالغان ۋەسازەندە شاگىرتلىرىغا ئۈگەتكەن ئىدى دېگەن يۇقۇرقى ئىبارىلەردىن قالۇننىڭ مەۋلانە ئەبۇ نەسىرفارابى تەرىپىدىن ياسالغانلىقى مەلۇم . 

قالۇن ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىچىدەئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قەدىمىي سازلارنىڭ بىرى بولۇپ ، تارىخىي چالغۇ ئەسۋابلىرى سۈپىتىدە دولان خەلقى ئارىسىدا دولانمەشرەپلىرىدە دولان مۇقامى ئورۇنلاشتا مۇھىمرول ئوينايدۇ . 

قالۇن چالغۇ ئەسۋابىنىڭ ئەسلى ئاتالمىسى قانۇن  بولۇپ ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قالۇنغا ئۆزگىرىپ قالغان . قالۇنئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . چالىدىغانزەخمەك سېرىق سۆگەت ياغىچى ياكى يۇلغۇن ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . سىم پەدىسىنى باسىدىغان گوش تاپ كۈمۈشتىن ياكى تۇچ ، تۆمۈردىن ياسالسىمۇ سىم پەدە باسىدىغانيەرگە كۈمۈش يالىتىلىدۇ . بۇنداق بولغاندا ، پەدە باسقاندا ئاۋاز توغرا ھەم ئېنىق چىقىدۇ . 

دولان راۋابى

دولان راۋىپىدولان راۋابىنىڭ كىم تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنىپ ياسالغانلىقى ھەققىدە يازما ماتىرىياليوق . پەقەت ئۇنىڭ قەدىمكى زامانلاردىن ، بولۇپمۇ دولان ئۇيغۇرلىرى چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقىتلاردا ياسالغانلىقى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپقالغانلىقى مەلۇم . 

دولان راۋابىنىڭ ياسىلىشى باشقا چالغۇلاردىن پەرقلىنىدۇ . دولان راۋابىغا پەدە بېكىتمەيدۇ . دولان راۋابىنى ياساشتا چىغان ياغىچىدىن ياكى ئۈجمە ياغىچىدىن بولسا ، ئاۋازىمۇڭلۇق ۋە يېقىملىق بولىدۇ . ئوڭاي يېرىلىپكەتمەيدۇ، چىداملىق بولىدۇ . يۈزلۈك قارنى ئىشەكنىڭ ساغرا تېرىسى ياكى كالا تېرىسىدىن بولسا ، ئاۋازى ياڭراق ھەم چىداملىق بولىدۇ . زەخمىكى سېرىق سۆگەت ياغىچىدىنبولسا ياخشى بولىدۇ . دولان راۋابىغا پەدە بېكىتىلمىگەچكە ، چالغۇچىلار مۇزىكا سېزىمىگە ئاساسەن ، پەدە ئورنىنى تېپىپ چالىدۇ . شۇڭا، دولان راۋابىنى چېلىش بىرقەدەرتەسرەك . 

دولان قىل غېجىكى

دولان غىجىكى دولان قىل غىجىكىنىڭ قاچان ، كىم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقى توغرىسىدامەلۇمات يوق . قەدىمكى زاماندا دولان مۇقامئەلنەغمىچىلىرى يۇلغۇن كۆتىگىنى چىرايلىق ياساپ ، ئۇنىڭ ئىچىنى سىلىق ئويۇپ ، ئوۋلىغان ھايۋان تېرىسىنى يۈزىگە كېرىپ ، يەتتەتال قۇلاق تىكىپ ، ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلىدىنكېسىپ تار سېلىپ غېجەك ياسىغان . ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلىدىن كامانچە ياساپ قىلنى قىلغا سۈركەپ چالغان . بۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتىمۇڭلۇق بولغان . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىبىلەن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن چالغۇ --- دولان قىل غېجىكى خەلق ئاممىسى ئىچىگە تارالغان . 

دولان قىل غېجىكى يۇلغۇندىن ياكى چىغان ياغىچىدىن ياسىلىدۇ .دولان قىل غېجىكىنىڭ پەدىسى بولمايدۇ . شۇڭا ، بۇ چالغۇنى چېلىش بىرقەدەر تەسبولىدۇ . 

 نەغمە دېپى

دولان دىپى بۇ چالغۇ سەھنىلەردە چېلىنىۋاتقان مىللىي داپلارغا قارىغاندا كېچىكرەك ، قەشقەر سەنەملىرىدەچېلىنىۋاتقان داپلارغا قارىغاندا چوڭراقبولىدۇ . داپنىڭ ياغىچى ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىدىن بولسا ياخشى بولىدۇ . يۈزلىكى ئىشەك تېرىسى ياكى كالا تېرىسىدىن بولسا چىداملىقبولىدۇ . 

دولان مەشرەپلىرىدەنەغمە دېپى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ . ئەگەر قالۇن ، دولان راۋابى ، دولان قىل غېجىكى يوق ئەھۋال ئاستىدا ، ئادەم يوقجاڭگاللاردىمۇ مەشرەپ قىلىش زۆرۈر بوپقالسا ، بىرلا نەغمە دېپىگە تايىنىپمۇ مەشرەپ قىلغىلى بولىدۇ . داپ بولمىسا مەشرەپ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ . بۇ خۇددى تاماقنىڭتۇزى يوق، تەمسىز بوپ قالغىنىدەك ئىشبوپ قالىدۇ. دېمەك ، نەغمە دېپى مەشرەپلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ .[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#