بۇنيامىن نىتانىياخو
بۇنيامىن نىتانىياخو 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى تىلاۋىفدا تۇغۇلغان، 13-نۆۋەتلىك ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت زۇڭلىسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1967-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت موداپىئە ئارمىيىسى ئالاھىدە قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن.
1976-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، يوناسىن تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش تەتقىقات ئورگىنى كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مۇدىرى بولغان.
1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولغان.
1984-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان.
1988-يىلى، نىتانىياخو رىكورد گۇرۇھىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان.
1988-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان.
1991-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە، زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان.
1993-يىلى رىكورد گۇرۇھىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان.
1996-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، نىتانىياخو سايلامدا غەلبە قىلىپ ئىسرائىلىيەنىڭ 27-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى بولغان.
1998-يىلى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان.
2002-يىلى 11-ئايدا، نىتانىياخو قايتىدىن سىياسىي سەھنىگە قايتىپ كېلىپ قارانچۇق كابىنېت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
2003-يىلى 2-ئايدا ھۆكۈمەت مالىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.
2005-يىلى 12-ئايدا يەنە بىر قېتىم رىكورد گۇرۇھىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.
2007-يىلى 8-ئايدا رىكورد گۇرۇھىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلانغان.
نىتانىياخو تەختكە چىققاندىن كېيىن يەرنى تىنچلىققا ئالماشتۇرۇپ پرىنسىپىنى ئۆزگەرتىپ بىخەتەرلىكىنى تىنچلىققا ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويغان، نىتانىياخو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق قەدىمى مەسىلىسىدە يۈرگۈزگەن كۈچلۈك لۇشيەنى ئەرەب ئەللىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، بۇنىڭغا رىكورد گۇرۇھى ئىچىدىكى ئېغىر بۆلۈنۈشنىڭ كۆرۈلۈشى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ نىتانىياخونىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىگە بولغان نارازىلىقى قوشۇلۇپ، 1999-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ۋە زۇڭلى سايلىمىدا ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى براك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن نىتانىياخونى مەغلۇپ قىلىپ ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولغان.
سايلامدا مەغلۇپ بولغان نىتانىياخو كېيىن سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئەمدى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2009-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسرائىلىيە 18-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزگەن. دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىفون رەھبەرلىكىدىكى بىتەرەپ پارتىيە ئالغا پارتىيىسى پارلامېنتتىكى 28 ئورۇنغا ئېرىشكەن، ئاساسلىق رىقابەتچى نىتانىياخو رەھبەرلىكىدىكى ئوڭ قانات پارتىيىسى رىكورد گۇرۇھى بولسا بىر ئورۇنغا ئېرىشكەن. لېكىن ئىككى تەرەپ پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن. رىكورد گۇرۇھى باشچىلىقىدىكى ئوڭ قانات پارتىيىسى بۇ قېتىملىق سايلامدا 120 ئورۇن ئىچىدە 65 ئورۇنغا ئېرىشكەن، ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى پېرىس 20-مارت رەسمىي ھالدا نىتانىياخوغا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىنى بەرگەن.
31-مارت نىتانىياخو رەھبەرلىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. بۇ نىتانىياخونىڭ ئىككىنچى قېتىم ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىشى بولغان.
نىتانىياخو 1998-يىلى 5-ئايدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولغان، 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جۇڭگودا رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان.
نىتانىياخو 1991-يىلى ئۈچىنچى قېتىم توي قىلغان، ئايالى سارا ئايرو خانقىزى بولغان بولۇپ، ئۈچ بالىسى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.