ياقا بازىرى

ياقا بازىرى

ياقا بازىرى ئاقسۇنىڭ شەرقىي قىسمىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان.ئومۇمىي كۆلىمى 265.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ياقا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 265.6 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 牙哈镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون كۇچا ناھىيەسى
نوپۇسى 30133

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياقا بازىرىياقا بازىرى 2001-يىلى 11-ئايدا يېزىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،بازارغا ئۆزگەرتىلگەن، ئۇنىڭغا قاراشلىق 24 مەمۇرىي كەنت ۋە ئىككى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەيدانى بار، بازار ئومۇمىي نوپۇسى 30133 ئادەم، 6754 ئائىلە بار، تېرىلغۇ يەر 70 مىڭ 900 مو، 2006-يىلى يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى جەمئىي 1.40 مىليون يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3933 يۈەن. بىر يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن، 2-، 3-كەسىپلەرنى تەڭ ئېلىپ بارغان ئىقتىسادىي چوڭ بازار.

ياقا بازىرى ياقا بازىرىغا قاراشلىق 24 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: مازار باغ كەنتى، ياقا كەنتى، لەڭگەر كەنتى، سۆگەتلىك كەنتى، ئېرىقبويى كەنتى، شۇنۇت كەنتى، تاغارچى 1-كەنتى، تاغارچى 2-كەنتى، ئۈچئۈژمە كەنتى، سۆرۈنلۈك كەنتى، چەچقۇم كەنتى، توقىناي كەنتى، چۆلئاۋات كەنتى، ئىشتالا كەنتى، بوستانتوغراق كەنتى، كىرىش كەنتى، بەشبۇلاق كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى، ئاقبۇيا كەنتى، قاراڭغۇ 1-كەنتى، قاراڭغۇ 2-كەنتى، قاراڭغۇ 3- كەنتى، تاخماق كەنتى، روجەكتام كەنتى.

ياقا بازىرىبازار رايونى 314-دۆلەت يولىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، چېگرىسى ئىچىدە مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بار، كۇچا نېفىت-خىمىيە سانائەت باغچىسى ۋە 705-نېفىت بازىسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، قاتنىشى قولايلىق، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە بازار رايونى نوپۇسى 5 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈش پىلانلانغان، 2006-يىلى 1005 ئائىلە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىنىپ،3.6 كىلومېتىر شەھەر يوللىرى ئۆزگەرتىلگەن. يېقىندىن بېرى، بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى پائال ئوبدان تۇتۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتكەن، 1000 مو يۇقىرى زىچ چىلىنى ئۆستۈرۈش ئۈلگە بازىسىدىن بىرنى قۇرغان؛ پارنىك، چوڭ لاپاس كۆلىمى 900 مو، ئاق بۇيا ئۈزۈم بازىسى 3735 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق بۇيا ئۈزۈم ئاق سايۋا ئۈزۈم تاۋار ماركىسى ئىلتىماسى 2005-يىلى دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن، ئىشلەپچىقىرىلغان ئاق، قىزىل مۇناقى ئۈزۈم تەمى مەززىلىك بۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#