ئاچتاغ يېزىسى

ئاچتاغ يېزىسى

ئاچتاغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاچتاغ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 743 كىۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿恰塔格乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئۇچتۇرپان ناھىيەسى
نوپۇسى 15 مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاچتاغ يېزىسىئاچتاغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا. 1959-يىلى ياڭخەي گۇڭشېسى بۇلۇپ  قۇرۇلغان، 1984-يىلى ئاچاتاغ يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر. كۆلىمى 743 كىۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 15 مىڭ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىرغىز، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار، ئۇيغۇرلار 95.5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆلكە يولى 2951-لىنىيەسى يېزا تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. يەنە فوسفور كان رايونى مەخسۇس تاشيول بار.

ئاچتاغ يېزىسىئاچتاغ يېزىسىغا قاراشلىق توقسۇن يار بېشى كەنتى، توقسۇن يارقوتان كەنتى، توقسۇن تېتىر كەنتى، ياڭخى كەنتى، ئويتۇر تۇيۇققورۇ كەنتى، ئويتۇر كەنتى، جايتاغ كەنتى، بۇغان كەنتى، توقماق خوتەن كەنتى، تۆۋەنكى خوتەن كەنتى، يېڭىسار كەنتى قاتارلىق 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە ساي بەل چارۋىچىلىق كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

ئاچتاغ يېزىسىئاچتاغ يېزىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، قوشۇمچە ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، شال، كېۋەز، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۆتەڭ بۇلۇپ، 200 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. تەۋەسىدە جايتاغ تەنھەرىكەت مەيدانى بار، ھەربىر بايرامدا دېھقانلار مەدەنىيەت-تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

ئاچتاغ يېزىسىئاچتاغ يېزىسى تەۋەسىدە ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ بار، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانى2027، بۇنىڭ ئىچىدە ياتاقلىق ئوقۇغۇچى 842، ھازىر بار بولغان سىنىپ 51، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 148 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 121 نەپەر، ئىشچىلار 4 نەپەر، خەنزۇ ئوقۇتقۇچى 13 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى ئىچىدە ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى 17 نەپەر، توختاملىق ئوقۇتقۇچى 6 نەپەر، ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى 23 نەپەر. ئاچاتاغ يېزىسى ھەر قايسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل، جۇاڭزۇ، قىرغىز قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#