خەتەرلىك غەيرى تەبىئىي نەپەسلىنىش
خەتەرلىك غەيرى تەبىئى نەپەسلىنىشلەر ھامان مەلۇم كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرىدۇ. بەزىدە مىزاج بۇزۇلۇش، بەدەن توشۇپ قېلىش (ئىمتىلا) (سۇددە) بوغۇلۇش، تۈرلۈك ياللۇغلىنىشلار ئاغرىشلاردىن كېلىپ چىققان نەپەس ئېلىشتا بولغان مەلۇم توسالغۇلار يېرىڭلىق يارىلار بولۇپمۇ كۆكرەك ۋە كىرگىت پەردە (ھىجابى ھابىز) دىكى يېرىڭلىق يارىلار، كېزىك ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، زەھەر يەۋىلىش تۈپەيلىدىن بولغان قۇۋۋەت تۇۋەنلەش قاتارلىقلاردا بىرخىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ كېلىدۇ.
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خەتەرلىك غەيرى تەبىئى نەپەسلىنىشلەر ھامان مەلۇم كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرىدۇ. بەزىدە مىزاج بۇزۇلۇش، بەدەن توشۇپ قېلىش (ئىمتىلا) (سۇددە) بوغۇلۇش، تۈرلۈك ياللۇغلىنىشلار ئاغرىشلاردىن كېلىپ چىققان نەپەس ئېلىشتا بولغان مەلۇم توسالغۇلار يېرىڭلىق يارىلار بولۇپمۇ كۆكرەك ۋە كىرگىت پەردە (ھىجابى ھابىز) دىكى يېرىڭلىق يارىلار، كېزىك ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، زەھەر يەۋىلىش تۈپەيلىدىن بولغان قۇۋۋەت تۇۋەنلەش قاتارلىقلاردا بىرخىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ كېلىدۇ. ئەگەر نەپەس بۇزۇلۇش خىلىتلار ئۆزگىرىشىدىن بولسا بىمار ئوڭدا ياتالمايدۇ. ياكى ئوڭدا ياتقاندىمۇ تىنىققا قېينىلىدۇ. يانچە ياتسا ياكى بىر ياندىن يەنە بىر يانغا ئۆرۈلسە بىر ئاز يەڭگىللىشىپ قالىدۇ.
خەتەرلىك غەيرى تەبىئى نەپەسلىنىش تۆۋەندىكىدەك سەككىز خىل بولىدۇ.
مۇتەزائىپ نەپەس ئېلىش
بۇ مۇختەلىپ نەپەس ئېلىش دائىرىسىگە كېرىدىغان نەپەس ئېلىش بولۇپ كېڭىيىش ۋە تارىيىش ئارلىقىدا پەرىقلىق ھالدا توختاش ئەھۋالى كۆرۇلىدۇ؛ بۇ خۇددى كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان چېغىدىكى تىنىققا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ ھارارەتنىڭ كۆپلىكىدىن نەپەس ئېلىشتا شۈمۈرۈلگەن ھاۋا بىلەن ھارارەت دىگەندەك سۇۋۇپ كېتەلمىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ سوغۇق ياكى قۇرۇقتىن مىزاج بۇزۇلغاندا نەپەس ئەزالىرى قاتقاندا ياكى ئۇلاردا باغلىنىش پەيدا بولغاندا ھىجاب (كىرگىت) ئىششىغى، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردە يۈز بېرىدۇ. كۆپۇنچە يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالامىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. لېكىن سوغۇقتىن بولغانلارنىڭ بەزىلىرىنى مۇۋاپىق داۋالىسا ساقىيىپمۇ كېتىدۇ. بۇ خىل نەپەس ئېلىشنىڭ سەۋەپلىرى شۇكى، يۈرەكتە بۇس ئىسسىقلىق نورمالدىن ئاشقاچقا تەبىئەت كۆپلىگەن ساپا ھاۋاغا مۇھتاج بولىدۇ. نەپەسلىنىش ئەزالىرى يەتكۈزۈپ بەرگەن ھاۋا يۈرەكنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ-دە نەتىجىدە نەپەس ئەزالىرى ھاۋانى ئۈلگۈرتۈپ بىرەلمەي بۇ خىل نەپەس ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياكى نەپەسلىنىش ئەزالىرىنىڭ تۇمۇرلىرىغا قېتىش پەيدا بولغانلىقتىن ھاۋائى تۇلۇق يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ-دە نەتىجىدە بۇخىل نەپەس ئېلىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئىنىقتا ئوف نەپەس ئېلىش
كېسەللىك جىددى ۋاقتىدا نەپەس ئېلىش مەلۇم ۋاقىتت توختاپ قالىدۇ. نەپەس ئالغانلىقىنى پەقەت سەزگىلى بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىمارنىڭ نەپەس ئېلىش بەدەندىكى تەر تۈشۈكلىرى (مىسافلار) ئارقىلىقلار بولىدۇ. بۇ كۆپۇنچە سەكتە كېسىلىدە يۈز بېرىدۇ. بىمارنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. قىسمەنلىرى ۋە يەڭگىللىرى ساقىيشىمۇ مۇمكىن.
ئوسرۇن نەپەس
بۇ نەپەس ئېلىشتا تەسلىك ۋە قىينلىق بولغانلىقى ھەتتا بىمار تۇلۇق نەپەس ئېلىشقا مۇھتاج بولسىمۇ يەنىلا يېتەرلىك نەپەس ئالالماي نەپىسى قىستالغانلىقىغا قارىتىلغان بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى بۇس قىزىقلىقنىڭ يۈرەكتە غالىپ كەلگەنلىكى ياكى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يوقۇتىدىغان سوغۇقلۇقنىڭ كۆكرەك پەردىلىرى ياكى ئۆپكە ياپراقلىرىنى سوۋۇتقانلىقتىن بولىدۇ. بۇ كۆپۇنچە سوغۇق ھاۋا ۋە سوغۇق جايلاردا ئۆپكە ۋە كۆكرەكنى سوغۇق ھاۋادىن ساقلىماسلىق ياكى ئۆتكۇر سوغۇق دورىلارنى كۆكرەك ساھەسىگە ئورۇنسىز چېپىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەقەللۇسۇن نەپەس
بۇ نەپەس ئېلىش ۋە نەپەس چىقىرىشنىڭ قېيىن بولغان بىر تۈرىگە قارىتىلغان سەۋەبى كۆكرەك ۋە قوۋۇرغلىرىدىكى پەردىلەردە پەيدا بولغان كۈچلۈك قورۇقلۇق ياكى ئىسسىقلىق بۇ ئەزالارنىڭ تەبىئى مىزاج بوزۇلۇپ پەردە ۋە كىرگىتلەرنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىش ھەركىتىگە توسقۇنلۇق پەيدا بولىدۇ. قوۋۇرغلار ۋە ئۇنىڭدىكى گۆشلەر قورۇقلۇقتىن ۋە تارىيىش ھەركىتىنىڭ ناچارلىقىدىن مىدىر-مىدىر قىلالماي قالىدۇ-دە بۇ خىل نەپەس ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نەپەس قىستاش
بۇ بىمار نەپەس ئالغاندا ھاۋانىڭ كېرىپ چىقىشى قىسلغانلىقىغا قارىتىلغان بۇ كۆپۈنچە مۇستەقىل بىر كېسەل بولماستىن بەلكى ئۆپكە ئىششىقى، ئۆپكىگە سۇ چۇشۇش، بوغۇلۇش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بەزىدە ئالاھىدە كېسەللىك بولۇپمۇ شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى شۇكى نەپەس يوللىرىنىڭ بىرەرسىدە ياكى ئۆپكىنىڭ ھاۋا پۇۋەكچىلىرىدە ياللۇغلىنىش پەيدا بولۇش، بولۇپمۇ ھاۋا يوللىرىدىكى قاتتىق ئېنىق (ئۆپكە قېتىش) ياكى ئۇلاردا قويۇق شىلىمشىق خىلىتلارنىڭ كۆپلەپ تۇرۇپ قېلىشى ۋە ئۆپكىگە سۇ چۇشۇشلەردە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەپەس ئەزالىرىغا قوشنا بولغان ئەزالار مەسىلەن: جىگەر، ئاشقازان،تال قاتارلىق ئەزالاردا پەيدا بولغان ئىسسىق خاراكتېرلىك ئىشىق ۋە چوڭىيىشلارنىڭ نەپەسلىنىشكە دەخلى قىلغانلىقىدىن بولىدۇ.
ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولۇش
بۇنىڭدا بىمار بېشىنى رۇس قىلىپ تۇرسا نەپەس ئالالمايدۇ، ئەگەر سىڭايان قىلسا ياكى كۆكرەكنى تۈز قىلمىسا نەپەس چىقارمايدۇ. شۇڭا بىمار ئۆلتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ. بۇ نەپەس ئېلىش ئەزالىرىدا توپلىشىپ قالغان سۇيۇق خىلىتلارنىڭ كۆپلىكى خىلىتلارنىڭ قۇيۇقلىقى، ئىششىق پەيدا بولغانلىقى كاناي يوللىرىدىكى ياكى كۆكرەك ساھەسىدىكى گۆشلەرنىڭ تاتۋاتقانلىقى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى زىققا نەپەس كېسىلى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزى نەپەسلىنىش ئەزالىرى تۇغما تار بولۇپ تەرەققى قىلغانلاردىمۇ بۇخىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.