قىچىشقاق
قىچىشقاق قان خىلىتى تەسىرىدىن تېرە توقۇلمىلاردا ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىپ، كىلىنىكىدا تېرىنىڭ يۇمران، نېپىز ۋە قاتلىنىدىغان ئورۇنلىرىدا تېرىق ياكى گۈرۈچ چوڭلۇقىدا ئەسۋە پەيدا بولۇش، قىچىشىش، كېچىسى قىچىشىش سېزىمى كۈچىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كۈچلۈك يۇقۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىچىشقاقسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، قىچىشقاق سالجىسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە بەدەندىكى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بارماق ئارىلىقى، يوتا، قورساق قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ، قاتتىق قىچىشىش، قىچىشىش كېچىسى بەكرەك كۈچىيىپ كېتىش، قاشلاش نەتىجىسىدە تېرە شەلۋەرەپ، سۇلۇق قاپارتقۇ ۋە تېرە زەخىملىرى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
- تېرە نېپىز ۋە يۇمران، قول بارماقلىرى، بېغىش، بوغۇملارنىڭ ئېگىلىش قىسمى، جەينەك ئويمىنى، قولتۇق، ئەمچەك ئاستى، كىندىك ئەتراپى، بەل، تۆۋەنكى قورساق قىسىملىرى، يوتا ئىچكى تەرىپى، سىرتقى جىنسىي ئەزا قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. قۇرۇق قىچىشقاقتا كېسەللىك پەيدا بولىدىغان ئورۇندىكى تېرىدە ئاۋۋال قىچىشىدىغان قىزىل مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ قىچىشىدۇ. ئۆز-ئارا سىزىقسىمان تۇتۇشىدۇ. قاشلىغاندا سېرىق سۇ ياكى قان چىقىدۇ. قىچىشقاق قول بارماقلىرى ئارىلىقلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ سىزىقسىمان تېرىق چوڭلۇقىدا رەڭگى قىزىل مۇدۇرلار چىقىپ، تاتلىغاندا زەرداب سۇ ياكى قارامتۇل قان چىقىدۇ. بەزىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك ئورنىدىن چىققان سۇ ياغلىشاڭغۇ بولىدۇ. ھۆل قىچىشقاق قۇرۇق قىچىشقاقنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەزكۇر كېسەللىكتە قىچىشقاق كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئادەملەر ئەڭ ئاساسلىق يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
- دىياگنوز ئاساسى
- 1. كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ.
- 2. تىپىك بولغان كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ.
- 3. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ. [0]
1-رېتسېپ
تەركىبى: شاھتەررە 105 گىرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 90 گىرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گىرام، بەلىلە پوستى، ئامىلە 45 گىرامدىن، سانا 22 گىرام، قىزىلگۈل 15 گىرام، ۋاسالغۇ 75 گىرام، ھەسەل 1371 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گىرامدىن ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى
http://www.tibbiyjawhar.com/html/2014/kesellik_0503/343.html
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.