چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1337- يىلىدىن 1453- يىلىغىچە ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەملىك ئۇرۇش بولۇپ ئۆتتى. بۇ ئۇرۇش تۇرۇپ داۋاملىشىپ، تۇرۇپ ئۈزۈلۈپ 100 يىلدىن ئارتۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن100 يىللىق ئۇرۇش دەپ ئاتالدى.

   100 يىللىق ئۇرۇشقا ئەنگىلىيە ئوردىسى بىلەن فرانسيە ئوردىسىنىڭ ئىلگىرى ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ ئىلكىدىكى ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى فېئوداللىق زېمىنى ۋە باي فراندىسىنى تالىشىشى سەۋەب بولدى. 1066- يىلى فرانسىيىنىڭ فورماندىيە كېنەزى ئەنگىلىيىنى بويسۇندۇرۇپ ئەنگىلىيىگە پادىشاھ بولدى. بىراق، ئۇنىڭ فرانسىيىدىمۇ زېمىنى بار ئىدى. 1154- يىلى فرانسىيىدىكى ئاترۇۋگىرافى ھېنرى ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ فېرانسىيىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى. ئەنگىلىيە فېئوداللىرى قولدىن چىقىپ كەتكەن فورماندىيە بىلەن ئەنرۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدى، فرانسىيە بولسا ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ فرانسىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە زېمىنى ياكيۇيداننى تارتىۋېلىش غەرىزىدە بولۇپ كەلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فراندىس مەسىلىسىمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. فراندىس فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، سودا سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، بولۇپمۇ يۇڭ-توقۇمىچىلىق سانائىتى جاھانغا مەشھۇر ئىدى. بىراق، يۇڭ-توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ خام ئەشياسى بولغان قوي يۇڭى ئاساسەن ئەنگىلىيىدىن كېلەتتى. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قويۇق ئالاقە تۈپەيلىدىن بۇ يەردىكى ئاھالە سىياسىي جەھەتتە ئەنگىلىيىگە مايىل بولۇپ، ئۇلار بۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانى فرانسىيىدىكى بەگلەر ۋە فراندىس گرافى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر زىدىيەت بار ئىدى. 1336- يىلى فراندىس گرافى فرانسىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅵنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئەنگىلىيە سودىگەرلىرىنى قولغا ئالدى، فراندىسنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلىدى. ئەنگىلىيە پادىشاھى ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە فراندىسقا قوي يۇڭى ئېكىسپورت قىلىشنى دەرھال چەكلىدى. 1337- يىلى 11- ئايدا ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېدۋارد Ⅲنىڭ فرانسىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅵگە جەڭ ئېلان قىلىشى بىلەن 100 يىللىق ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى.

   ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش تۆت باسقۇچقا بۆلۈندى. بىرىنچى باسقۇچتا يەنى 1337- 1360- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلدى. 1340- يىلى ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئېكلىئوس پورتىدا فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئەنگىلىيە بوغۇزىنى كونتىرول قىلدى. 1346- يىلىدىكى كېلىس ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيىنىڭ يېڭى تىپتىكى پىيادە قوشۇنىنىڭ ئوقياچى مەرگەنلىرى ئۆز قوشۇنىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولغان دۇبۇلغا، ساۋۇتلۇق فرانسىيە ئاتلىق قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئىككىنچى يىلى ئەنگىلىيە قوشۇنى مۇھىم ئىستىراتىگېيىلىك جاي كالىنى ئىشغال قىلدى. 1356- يىلى ئەنگىلىيە قوشۇنى پوۋانىئىيىدە فرانسىيە قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم يەڭدى. فرانسىيە پادىشاھى جون ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى فىلىپ ھەمدە 17 نەپەر گراف ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. فرانسىيە شاھزادىسى چارلىز دۆلەتكە نايىپلىق قىلدى. 1360- يىلى ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە بېرېيت تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىنمزالىدى، فرانسىيە ياكۇيدان رايۇنىنىڭ كۆپ قىسىمىنى بۆلۈپ بېرىشكە، 300 كىلون پۇل تۆلەپ فرانسىيە پادىشاھى جوننى قايتۇرۇۋېلىشقا قوشۇلدى. 1364- يىلى چارلىز تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن مالىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، ھەربىي تەييارلىقلارنى پائال تۈردە كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئۇلغايتتى. 1369- يىلى فرانسىيە ھاقارەتلىك بېرتتىن شەرتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەنگىلىيىگە دەرھال تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن يۈز يىللىق ئۇرۇش ئىككىنچى باسقۇچقا (1369-1396) قەدەم قويدى. فرانسىيە ئارمىيىسى ئۇدا ھۇجۇم قىلىپ، قولدىن كەتكەن زور كۆلەمدىكى زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى. 1380- يىلى ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئەنگىلىيە پادىشاھى فرانسىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى كالى قاتارلىق بىر قانچە شەھىرىنىلا ساقلاپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي فرانسىيە ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھى ئىچىدە توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن 100 يىللىق ئۇرۇش 3- باسقۇچقا (1415 -1420) قەدەم قويدى. شۇ يىلى 10- ئايدا ئەنگىلىيە قوشۇنى ئېكىنكۇر ئۇرۇشىدا فرانسىيە قوشۇنلىرىنى ئېغىر چىقىمدار قىلدى. 1420- يىلى فرانسىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، دۆلەتنى ھاقارەتكە، دۇچار قىلىدىغان ترۇۋا شەرتنامىسنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، زور كۆلەمدىكى زېمىنىنى بۆلۈپ بەرگەندىن سىرت، ئەنگىلىيە پادىشاھى ھېنرىنى فرانسىيىنىڭ مۇۋەققەت پادىشاھى ۋە فرانسىيە پادىشاھى چارلىز Ⅵنىڭ تەخت ۋارىسى دەپ ئېتراپ قىلدى. 1428- يىلى ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى غەلبىسېرى ئىلگرىلەپ، ئورلېئانغا قاراپ ئاتلاندى. 100 يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى (1428-1453)  يېتىپ كەلدى. ئورلېئان فرانسىيىنىڭ جەنۇپقا بېرىش يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، بۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىش – قالالماسلىق فرانسوز مىللىتىنىڭ ھايات-ماماتىغا بېرىپ تاقىلاتتى. فرانسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇش تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ۋەتەننى قوغداش يولىدىكى ھەققانىي ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىناتتى. دېھقان قىزى جىئانادىئارك 1429- يىلى فرانسىيە قوشۇنىغا قۇماندانلىق قىلىپ، ئورلېئاننى قورشىۋالغان ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنى چېكىندۈردى. ئارقىدىن شىمالدىكى بىرمۇنچە شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالدى ئۇ كېيىن بەخىتكە قارشى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئەنگىلىيىلىكلەر تەرىپىدىن تىرىك پېتى كۆيدۈرۈۋېتىلدى. (ئورلېئان قىزى) جىئانادىئارك مۈنەۋۋەر فرانسوز قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇش ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئىسسىىق قېنى ئارقىلىق قەھرىمانلار زەپەر مارشىنى يېزىپ قالدۇردى. فرانسىيە خەلقى جېئانادىئاركنىڭ قىزغىن ئىلھامى بىلەن ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال تۈردە ئاتلاندى. 1436- يىلى پارىژدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئامما چارلىز Ⅶئۈچۈن پايتەخت دەرۋازىسىنى ئاچتى. فرانسىيىنىڭ ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى زېمىنلىرى، شەھەرلىرى فرانسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئارقا-ئاقىدىن قايتۇرۇۋېلىندى. 1453- يىلى 10- ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئەنگىلىيىنىڭ فرانسىيە تېررىتورىيىسىدىكى كالىدىن باشقا بارلىق ئىشغالىيەت رايۇنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. يۈز يىللىق ئۇرۇش فرانسىيىنىڭ غەلبىسى بىلان ئاياغلاشتى.

   100 يىللىق ئۇرۇش گرچە فرانسىيىگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق فرانسوزلارنىڭ مىلللي ئويغنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فرانسىيىنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە فرانسوز دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدى. ئەنگىلىيىنىڭ 100 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى ئەنگىلىيە فېئوداللىرىنى سىرتنىڭ زېمىن ۋە مال دۇنياسىنى بۇلاپ قولغا كىرگۈزۈۋېلىش ئۈمۈدىدىن مەھرۇم قىلدى، فېئوداللارنىڭ ئىچكى كۈرىشىنى كەسكىنلەشتۈردى. فېئوداللارنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى- ئەتىرگۈل ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىنى تېزلەشتۇردى


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#