ۋىتتورىنو

ۋىتتورىنو

ۋىتتورىنو (1378 −1446) ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى ئىتالىيە لىك مۇتەپەككۇر، پېداگوگ. ۋىتتورىنو «تۇنجى گۇمانىتار يېڭى ئوقۇتقۇچى» دەپ ئاتالغان. ئۇ كىنەز گۇنچاگارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خان ئوردىسىنىڭ يېنىدىكى بىر بىنادا يېڭىچە مەكتەپ ئېچىپ، ئۇنىڭغا، «شادلىق ئائىلىسى» دەپ نام قويغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋىتتورىنو
باشقا نامى Vittorino da Feltre
تۇغۇلغان ۋاقتى 1378-يىلى
كەسپى مۇتەپەككۇر،پېداگوگ
خەنزۇچە ئىسمى 维多里诺
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1446-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىتتورىنوۋىتتورىنو (1378 −1446) ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى ئىتالىيە لىك مۇتەپەككۇر، پېداگوگ. 

ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا مەكتەپلەر دىنىي جەمئىيەتلەر بىلەن فېئودال پادىشاھلىقلارنىڭ خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش قورالى ئىدى. بالىلارغا «ئىنجىل» نى يادلىتىش، تەڭرىگە تائەت-ئىبادەت قىلدۇرۇش مائارىپنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قىلىنىپ، ئادەم يېتىلدۈرۈش، ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىتىش بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغانىدى.

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش مەزگىلىدىكى يازغۇچى فرانكوس رايېلايس «گىگانت ئادەم» دېگەن ئەسىرىدە ئادەم ئەخمەق قىلىدىغان مەكتەپلەرنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان. گىگانت ئادەم ئەسلىدە جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن زور ئادەم بولۇپ، بىرنەچچە يىل چىرىك، ئەنئەنىۋى تەربىيىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاران ئا، ب، س قاتارلىق بىرنەچچە ھەرپلا ئېسىدە قالىدۇ، ئاخىر بېرىپ «ئەخمەق» ، «زابوي» غا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كېيىن بىر گۇمانىتار كىشى ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇنى نادانلىق، بىلىمسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ.

ۋىتتورىنو «تۇنجى گۇمانىتار يېڭى ئوقۇتقۇچى» دەپ ئاتالغان. ئۇ كىنەز گۇنچاگارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خان ئوردىسىنىڭ يېنىدىكى بىر بىنادا يېڭىچە مەكتەپ ئېچىپ، ئۇنىڭغا، «شادلىق ئائىلىسى» دەپ نام قويغان. ئىتالىيە بىلەن ياۋروپادىكى نۇرغۇن يۇقىرى تەبىقىلىك ئائىلىلەر بالىلىرىنى بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن، چۈنكى ئۇلار بۇ مەكتەپنى مەرتىۋىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىغان. لېكىن، ئىلغار ئىلىم ئەھلىلىرى ئۇنى گۇمانىتار مەكتەپلەرنىڭ مەنبەسى دەپ قارىغان، چۈنكى ۋىتتورىنو مەكتىپىگە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرىنىلا قوبۇل قىلىپ قالماي، بەلكى شۇلار بىلەن تەڭ ساندا نامراتلارنىڭ بالىلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان ھەمدە يېڭىچە مائارىپ ئۇسۇلىنى قوللانغان.

ۋىتتورىنوۋىتتورىنو ئوقۇغۇچىلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەڭ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئىلغار پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى «شادلىق ئائىلىسى» گە كىرگۈزگەن. ئۇ بالىلار خۇشال-خۇرام مۇھىتتا ئۆگىنىش قىلىشى، ئۆگىنىش ۋاقتىدىمۇ ئويناپ كۆڭلىنى ئاچالىشى كېرەك، دەپ قارىغان. ئوقۇغۇچىلارنى ئاجىز، بالدۇر يېتىلگەن، ئۆلۈك ئىش قىلىدىغان، «كىتاب غاجىلايدىغان قۇرت» قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشقا قارشى تۇرغان. مەكتەپ چوقۇم ئېجىل-ئىناق كوللېكىپ بولۇشى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دوستلاردەك باراۋەر كەيپىياتتا ياشىشى ۋە ئوقۇشى كېرەك، مەكتەپلەر بالىلاردا ياخشى ئىنتىزام يېتىلدۈرىدىغان ئورۇن بولۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەشتىن ئىبارەت؛ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشتە، ھاقارەتلەش، تىللاش، سوغۇق مۇئامىلە قىلىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، كۆيۈنۈش ۋە ھۆرمەتلەش ئىنتىزام تەربىيىسىنىڭ ئاچقۇچى؛ بالىلار ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ خاسلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىلار ھەربىر ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. ۋىتتورىنو دائىم مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك يوللاردا بالىلار بىلەن كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ بىللە ئوينىغان. 

ۋىتتورىنو «شادلىق ئائىلىسى» دە ئۆگىنىش قىلىشنى ئويۇن ئويناش، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش مەشقى قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى تولۇق نامايان قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#