شىخەنزە شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

شىخەنزە شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

شىخەنزە شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپى 1954-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىخەنزە 2-پەرزەنتلەر مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1991-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مەنىۋى مەدەنىيەتتە ئىلغار ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشكەن.


ئۇيغۇرچە نامى شىخەنزە شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1954-يىلى
ئورنى شىخەنزە شەھىرى
خەنزۇچە نامى 石河子市第一中学
مەكتەپ تۈرى ئوتتۇرا مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىخەنزە شەھەرلىك 1ئوتتۇرا مەكتەپشىخەنزە شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپى 1954-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىخەنزە 2-پەرزەنتلەر مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان، كونا ئورنى بەخت يولىدا.  1991-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مەنىۋى مەدەنىيەتتە ئىلغار ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1992-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ، ئىگىلىگن يەر كۆلىمى 60905 كۋدرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 111577 كۋادرات مېتىر. تەجرىبە بىناسىنىڭ سايمانلىرى ئىلغار ھەم تولۇق. كۇتۇپخانىدا 50000 پارچە كىتاب ساقلانغان. شتاتى 1999-يىلدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 120 نەپەر. ئوقۇتۇش سىنىپى 37، ئوقۇغۇچى سانى 2150 نەپەر.

شىخەنزە شەھەرلىك 1ئوتتۇرا مەكتەپ1955-يىلى يېزا ئىگىلىك 8-دىۋىزىيىسى 2-پەرزەنتلەر مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگن. 1958-يىلى يېزا ئىگىلىك 8-دىۋىزىيىسى 1-پەرزەنتلەر مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، ھازىرقى ئورنىغا كۆچكەن ھەم يېزا ئىگىلىك 8-دىۋىزىيىسى ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. دەسلەپكى مەزگىلدە پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپىلا تەسىس قىلىنغان. 1958-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈلگەن. 1961-يىلى تولۇق ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈلگەن. 1975-يىلى شىخەنزە شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1983-يىلى باشلانغۇچنى ئايرىپ چىقىپ، مۇستەقىل مەكتەپ قۇرۇپ، مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان ھەم شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىغا تەۋە بولغان.

2009-يىلى، بۇ مەكتەپ ئاتا-ئانىلار مەكتىپى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئاتا-ئانىلار مەكتىپى بولۇپ باھالاندى؛ 2011-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ پىسخىكا ساغلاملىقى تەربىيىسى خىزمىتىدىكى ئىلغار مەكتەپ بولۇپ باھالاندى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە مەكتەپ ۋە قانۇن ئىدارە قىلىشتا ئۈلگە مەكتەپ بولۇش شەرپىگە ئېرىشتى.  

شىخەنزە شەھەرلىك 1ئوتتۇرا مەكتەپيېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۇتۇش نىسبىتى: 2008-يىلى 382 ئادەم، 2009-يىلى 435 ئادەم ، 2010-يىلى 641 ئادەم، 2011-يىلى 747 ئادەم قېتىمغا يەتتى؛ تولۇق كۇرس نۇمۇر سىزىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى نىسبىتى 2008-يىلى 80.5%، 2009-يىلى85.2%، 2010-يىلى % 90.6 ، 2011-يىلى % 91.1 كە يەتكەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 2008-يىلى يەتتە نەپە، 2009 -يىلى تۆتنەپەر، 2010-يىلى 4 نەپەر، 2011-يىلى تۆتنەپەر بولغان. مەزكۇر دۆلەت تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر قوبۇل قىلىنغان ئادەم سانى  2008 -يىلدىكى 120 دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچىدىن 2011 - يىلىغا كەلگەندە 200 دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچىغا يەتكەن. 

شىخەنزە شەھەرلىك 1ئوتتۇرا مەكتەپمەكتەپ ئىستىلى ئاددىي-ساددا، ئوقۇتۇش سۈپىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بەشنى يېتىشتۈرۈشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش، ئەخلاقىي تەربىيەنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەت قائىدىسى يېتىلدۈرۈپ، ياخشى سىنىپ ئىستىل ، ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە مەكتەپ ئىستىلى يېتىشتۈرۈش. ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىلەر ۋە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#