لى سىگۇاڭ

تارىختىن زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول دەپ ئاتىلىپ كەلگەن جۇڭگو نى 1956-يىلىدىن ئىلگىرى چەت ئەللىكلەر نېفىتى يوق دۆلەت دەپ كەلگەنىدى، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 4 تىن 1 ىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار ئەجنەبىيلەرنىڭ نېفىتىگە تايىناتتى. گېئولوگ لى سىگۇاڭ (1889 −1971) تۇنجى ئىجاد قىلغان گېئو مېخانىكا جۇڭگونىڭ نېفىت خەزىنىسى قوۋۇقىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ «نېفىتى يوق» لۇق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى سىگۇاڭ
باشقا نامى 字仲拱,原名李仲揆
مىللىتى موڭغۇل
تۇغۇلغان ۋاقتى 1889-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
كەسپى گېئولوگ،پىداگوگ
خەنزۇچە ئىسمى 李四光
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇبېي ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1971-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى سىگۇاڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگاڭ دېگەن يېرىدىن، 16 يېشىدا ياپونىيە گە بېرىپ ئوقۇغان، سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان؛ 25 يېشىدا ئامېرىكىغا بېرىپ گېئولوگىيە ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن. ۋەتەنگە بالدۇرراق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، 1920-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا گېئولوگىيە پروفېسسورى بولغان. كېيىنكى 50 يىلدا، ئۇ بىر تەرەپتىن دۆلەت ئۈچۈن گېئولوگىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلىسە، بىر تەرەپتىن تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گېئولوگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئېلىمىز ئىلىم-پەن ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

لى سىگۇاڭنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى شۇكى، ئۇ گېئولو مېخانىكىنى بەرپا قىلدى ۋە مېخانىكا قارىشى ئارقىلىق يەر پوستىنىڭ ھەرىكەت ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىپ، گېئولوگىك ھەرىكەت بىلەن قېزىلما بايلىقلارنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگودا نېفىت يوق دېگەن يەكۈننى نەزەرىيە جەھەتتىن ئاغدۇرۇۋېتىپ، جۇڭگودا ئوبدان نېفىت زاپىسى شارائىتىنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. 1956-يىلى، ئۇ ئومۇميۈزلۈك نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە داچىڭ، غالىبىيەت، داگاڭ، شىمالىي جۇڭگو، جاڭخەن قاتارلىق نېفىتلىكلەرنى تېپىپ، جۇڭگونىڭ نېفىت سانائىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. لى سىگۇاڭ مۇستەقىل بەرپا قىلغان گېئومېخانىكا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش داۋامىدا شانلىق نۇر چاچتى، نېفىتلىك، ئۇران كانى، ئالماس ۋە خروم، ۋولفرام كانى، يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى قاتارلىقلار مۇشۇ نەزەرىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېپىپ چىقىلدى. 

لى سىگۇاڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيدى، ئۇ ۋەتەننىڭ ھەممە جايلىرىغا بېرىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىدى. ئۇ 20-يىللاردىكى ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، تەيخاڭشەن تېغى باغرى، داتۇڭ ئويمانلىقى، شاڭلۇسەن تېغى، خۇاڭسەن تېغىدىن 4-ئېرادىكى مۇزلۇق ئىزلىرىنى بايقاپ، خەلقئارادىكى نۇرغۇن مۇزلۇق ئىلمى نوپۇزلۇقلىرىنىڭ جۇڭگودا 4-ئېرا مۇزلۇقلىرى يوق دەپ كېسىپ ئېيتقان خاتا خۇلاسىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە 4-ئېرادىكى مۇزلۇق ھەققىدىكى گېئولوگىك تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ ئىنشائاتىنى گۈللەندۈرۈش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش، كان بايلىقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنى لايىھىلەشنى ئىشەنچلىك گېئولوگىك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچنى تېجەپ قالدى.

ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، يەنە، گېئومېخانىكا نەزەرىيىسىنى يەر تەۋرەشكە تەتبىقلاپ، يەر كۈچىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش ۋە يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ئۈچۈن ئاساس سالدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#