ئېگىزيەر يېزىسى
ئېگىزيەر يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېگىزيەر يېزىسى 1987- يىلىدىن باشلاپ توپلۇق يېزىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئېگىزيەر يېزىسى تەسىس قىلىنغان. ناھىيە تەۋەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر. كۆلىمى 245 كىۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 4000، ھەممىسى ئۇيغۇر. تېلېۋىزىيەنى كەنتكە يەتكۈزۈش تاشيول تەۋەسىدە ئېگىزيەر دەرياسى بار. ئېگىزيەر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان، ئېگىزيەر يېزىسىنىڭ كۆپ قىسمى چۆل بۇلۇپ، تۆمۈر، ئاليۇمىن، ھاك تاش، كۆمۈر، قوغۇشۇن، گىپىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى. ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش، تراكتور رېمونتى قاتارلىق يېزا-بازار كارخانىلىرى بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. مېۋىلەردىن نەشپۈت، ئۆرۈك، بادام قاتارلىقلار كۆپ. بادامنىڭ شاكىلى نېپىز، مېغىزى تولۇق، مېغىز تەمى تاتلىق . 200 گېكتار بادام ئورمانچىلىق مەيدانى. سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان.
ئېگىزيەر يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653123212. يېزىسىغا قاراشلىق ئېگىزيەر كەنتى، يۇقارقى ھويلا كەنتى، تۆۋەن ھويلا كەنتى، تاغلىقئېرىق كەنتى قاتارلىق تۆت كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.