دوۋساق يارىسى
بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر سەپرالىق ماددىلارنىڭ دوۋساققا يىغىلىپ غىدىقلىشى ۋە ئۇزاق داۋاملاشقان دوۋساق ياللۇغى نەتىجىسىدە دوۋساقتىكى ئىششىقلارنىڭ ئېغىز ئېلىشى، دوۋساقتىكى تاش ۋە قۇملارنىڭ دوۋساقنى زەخىملەندۈرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئومۇمىي بەدەن يېقىمسىزلىنىش، جۇغۇلداپ توڭۇپ تىترەش، قىزىتما، سۈيدۈك سېسىق ۋە تەستە كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر سەپرالىق ماددىلارنىڭ دوۋساققا يىغىلىپ غىدىقلىشى ۋە ئۇزاق داۋاملاشقان دوۋساق ياللۇغى نەتىجىسىدە دوۋساقتىكى ئىششىقلارنىڭ ئېغىز ئېلىشى، دوۋساقتىكى تاش ۋە قۇملارنىڭ دوۋساقنى زەخىملەندۈرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئومۇمىي بەدەن يېقىمسىزلىنىش، جۇغۇلداپ توڭۇپ تىترەش، قىزىتما، سۈيدۈك سېسىق ۋە تەستە كېلىش، تولا سىيگۈسى كېلىش، سۈيدۈكتە كېپەكسىمان ئاجرالمىلار بولۇش، دوۋسۇن ئىچى قاتتىق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، گىلى ئەرمەنى، ئەرەب يېلىمى، كۈندۇر، خۇنسىياۋشان، ئاق كۆكنار ئۇرۇقى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى، كەتىرا، نىشاستە، كاكىنەچ ئۇرۇقى 100 گىرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 20 گىرام، ئەپيۈن 10 گىرام، بىنەپشە، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقدار.
تەييارلاش ئۇسۇلى: بىنەپشەنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەر سېلىپ شەربەت تەييارلاپ، ئاندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان شەربەت بىلەن يۇغۇرۇپ، بىر گىرامدىن تابلېتكا تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: رەۋەن، سۆئدى كۇپى، جېنتىيانا، بىخ كەبىر 120 گىرامدىن، ئاچچىق بادام يېغى 280 گىرام، تىرىك چايان 10 تال.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ياغقا ئارىلاشتۇرۇپ، شېشىگە چايان بىلەن بىرگە سېلىپ، ئاپتاپتا بىر نەچچە كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم سۈيدۈك يولىغا تېمىتىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.