كيورە

كيورە غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتنى تەڭشەش، كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كيورە
ئەرەبچە نامى كازى
ئىنگلىزچە thatch screwpine Flower
شەكلى گـۈلـى ئـاق رەڭلـىـك
ۋاقتى گۈلنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى8– ئايدا، مېۋە بېرىش مەزگىلى9-، 10– ئايلار
خەنزۇچە ئاتىلىشى 露兜筋花 lu bou jin hua
پارسچە نامى كەدەر
ئوردۇچە نامى كيۇرە
جىسمى گۈلى ئىنتايىن پۇراقـلىـق، يۇمشاق بولىـدۇ
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كيورەدەرەخنىڭ گۈلى ۋە ئۇنىڭدىن تەييارلانغان يېغـى «كيورە» نامىدا دورىـغـا ئىشلـىتـىلىـدۇ.. ئەسلـى ئۆسۈمـلۈكـى

پانانـاس دەرىـخـى (pandanus teetorius Soland) دىن ئىبارەت.

چىقىش ئورنى 

مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق رايونلىرىدىن، ھىندىستاننىڭ دەريا، دېڭىز بويلىرىدىكى ئارال ۋە رايونلاردىن چىقىدۇ.

دورىلىق ئورنى 

دەرەخنىڭ گۈلى ۋە ئۇنىڭدىن تەييارلانغان يېغـى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

گـۈلنىـڭ تەركـىبـىـدە ئۇچۇچـان مـاي بولىدۇ. ماينىـڭ ئاساسلىق تەركىبى %65.85 مېتىل فېنلېتىل (Methyl Phenylethyl ether)، دېپتېن (Dipen tene) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت

غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتنى تەڭشەش، كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورا

ئورۇنباسارى

قىزىل سەندەل

ئەكىس تەسىرى

نەزلىنى قوزغىتىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ئەرقى بىدە مىشكى

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

شەربىتى كېيۇرە، ئەرقى كېيورە، كېيۇرە يىغى.

كيۇرەدىن تەييارلانغان شەربەت. ئەرەق قاتارلىق دورا ياسالمىلىرى يۈرەك ئاجىزلىقىنى داۋالايدۇ. قىزىل ۋە چېچەك كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. كيۇرە يېغى بەل ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. كـيورەنىـڭ غـازىـڭى مـاخـاۋ، چېچـەك، قـىچىـشقاق، مـېـڭە ۋە يۈرەك كېسەللىكىرىگە ئىشلىتلىدۇ.

يىغىش

ياز پەسلىدە يىغىۋالىمىز.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=127

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#