ياركۆۋرۈك يېزىسى
ياركۆۋرۈك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياركۆۋرۈك يېزىسىياركۆۋرۈك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە جايلاشقان. يېزىغا قاراشلىق ئون كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
ياركۆۋرۈك يېزىسىنىڭ شەرقىي تەرىپى ئاچاتاغ يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تەرىپى قۇرۇقتاغ بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربىي تەرىپى ئاقتوقاي يېزىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئىماملىرى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 9 كىلومېتىر، يەر كۆلىمى 16644.8 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3415.1 گېكتار، باغ–كەنت 125.5 گېكتار، ئورمان يەر 518.3 گېكتار، ئوتلاق كۆلىمى 5614.9 گېكتار، يېزىدىكى زاۋۇت-كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەر 492.9 گېكتار، قاتناشقا ئىشلىتىلگەن يەر 128.5گېكتار، سۇ يۈزى كۆلىمى 450.5 گېكتار، پايدىلىنىلمىغان يەر 5899.1 گېكتار.
54 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، بىر چارۋىچىلىق ئەترىتى، يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق 18 ئورگان، 10 باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ بار، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 158 ئادەم ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 3529 ئادەم. ئۇيغۇر، قىرغىز، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، جەمئىي 3615 ئائىلە، 15 مىڭ 603 نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر 7895، ئايال 7708.
ياركۆۋرۈك يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى جايلاشقان ئاقسۇ ــــ ئۇچتۇرپان S306 -يول لىنىيەسىنىڭ 86 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، تۆت پەسىل ئېنىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، سۇ مەنبەسى مول، تۇپراق سۈپىتى ياخشى، يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ياركۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، كۆزقاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن يېزىدا جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.
ياركۆۋرۈك يېزىسى1.ياركۆۋرۈك يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاقسۇ ــــ ئۇچتۇرپان S306-يول لىنىيەسىنىڭ 86 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قاتناش قولايلىق، ماشىنا كۆپ.
2 . يېزا-كەنت يولى يول توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتناش يوللىرى راۋان، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىلىق.
3. يېزىلىق ئاساسلىق غول لىنىيىنىڭ ھەممىسى بېتون قۇرۇلمىلىق، كوچىنى بويلاپ يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان.
ياركۆۋرۈك يېزىسى1.ئۆزگىچە مەھسۇلات : قارا تېرىق، نوقۇت، ئەلا سۈپەتلىك ئۆرۈك، ئاق كىشمىش، سەمەت ئۆرۈك، خۇۋەينى ئۆرۈك، شىنفېڭ 1-نومۇرلۇق ياڭاق، سۈنئىي جىغان؛
2. ئۆي قۇشلىرى: كەپتەر، كۈركە توخۇ، ئۆي توخۇسى؛
ئىقتىسادىي زىرائەتلەر : ياغلىق دان، زىغىر، قىزىلچا، ئارپىبەدىيان، توشقان زەدىكى قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.