شېنياڭ
شېنياڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شېنياڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان بەگلىك شەھىرى، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە شېنجۇ ۋىلايىتى بولغان، مىڭ سۇلالىسى جىن، يۈەن سۇلالىلىرى قۇرغان كونا شەھەرنىڭ ئورنىدا يېڭىۋاشتىن شېنياڭ بارىگاھ شەھىرىنى قۇرغان. 1625-يىلى چىڭ تەيزۇ(چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچى) نۇرغاچ پايتەختنى شېنياڭغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، شەھەرنى كېڭەيتىپ قۇرغان. شېنياڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەنخەيگۇەنگە كىرىشتىن ئىلگىرىكى مۇھىم سىياسىي مەركىزى. شېنياڭدىكى گۇگۇڭ سارىيى بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ سارىيىدىن قالسا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئوردا قۇرۇلۇشلىرى توپىدۇر.
شەھەرنىڭ شىمالىدىكى بېيلىڭ قەبرىستانلىقى(جاۋ قەبرىستانلىقى) بىلەن شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دۇڭلىڭ قەبرىستانلىقى(فۇ قەبرىستانلىقى) قونتاجى ۋە نۇرغاچنىڭ قەبرىستانلىقىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىنقىلابىي ئورۇنلاردىن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، يولداش جۇ ئېنلەي ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئوقۇغان جاي، يۇڭئەن تاش كۆۋرۈكى، تاشەن تاغ شەھىرى ۋە بىرمۇنچە ئىبادەتخانا ۋە راۋاقلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.