سۈركىلىش كۈچى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۈركىلىش كۈچىجىسىمنىڭ نىسپىي ھەرىكىتى(ياكى نىسپىي ھەرىكەت يۈزلىنىشى)گە توسقۇنلۇق قىلغۇچى كۈچ سۈركىلىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. سۈركىلىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى جىسىمنىڭ نىسپىي ھەرىكەت (ياكى نىسپىي ھەرىكەت يۈزلىنىشىنى) يۆنىلىشى بىلەن قارىمۇقارشى بولىدۇ.
سۈركىلىش كۈچى تىنچ سۈركىلىش كۈچى، دومىلىما سۈركىلىش كۈچى، سىيرىلما سۈركىلىش كۈچى دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ.
سۈركىلىش كۈچىسۈركىلىش كۈچى بىر-بىرىگە سۈركەلگۈچى جىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۈركىلىش كۈچى بولمىسا ئاياغ بوغقۇچىنى چىڭ چەگكىلى بولمايدۇ، بۇرما مىخ ۋە مىخ مۇقىم بولمايدۇ.
سۈركىلىش كۈچى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق سۈركىلىش كۈچى بىلەن باشقا سۈركىلىش كۈچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق.
ئاقار جىسىمغا نىسبەتەن ھەرىكەت قىلغان جىسىم قارشىلىق كۈچىگە ئۇچرايدۇ. بۇ قارشىلىق كۈچ بىلەن جىسىمنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى قارىمۇقارشى بولىدۇ. قاتلاملىق ئېقىن ئەھۋالدا، بۇ قارشىلىق بىلەن ئۇنىڭ تېزلىكى ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ، قايناملىق ھەرىكەتتە بۇ قارشىلىق بىلەن ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ كۋادراتى ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ. بەزىدە بىر جىسىم بىرلا ۋاقىتتا قارشىلىق كۈچى ۋە سۈركىلىش كۈچىگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، بىر ئاپتوموبىل ھەرىكەت قىلغاندا ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىگىمۇ ھەم بالوننىڭ دومىلىما سۈركىلىش كۈچىگىمۇ ئۇچرايدۇ.
ئىپادىلىنىشى
سۈركىلىش كۈچىسۈركىلىش كۈچىنىڭ بەلگىسى f؛
ئۆز ئارا تېگىشكەن ئىككى جىسىم نىسپىي ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ھەرىكەت قىلىشقا ئىنتىلگەندە، چوقۇم تېگىشىش يۈزىدە پەيدا بولغان نىسپىي ھەرىكەتكە ياكى نىسپىي ھەرىكەت قىلىشقا ئىنتىلگەن كۈچكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۈچ پەيدا بۇلىدۇ، بۇ كۈچ سۈركىلىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ.
سۈركىلىش كۈچىنى ئۆلچەشتە پۇرژىنىلىق دىنامومېتىر ئىشلىتىلىدۇ، ئىلمەك بىلەن ئۆلچىنىدىغان جىسىم ئىلىنىدۇ، گورىزونتال ئۈستەل ئۈستىدە تەكشى تېزلىنىشچان تۈز سىزىقلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، پۇرژىنىلىق دىنامومېتىر ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ، پۇرژىنىلىق دىنامومېتىر ئۈستىدىكى سان ئۆلچىنىدىغان جىسىمنىڭ سۈركىلىش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە باراۋەر، پۇرژىنىنىڭ تارتىش كۈچى سۈركىلىش كۈچىگە تەڭ. تېزلىنىشچان ھەرىكەتتە سۈركىلىش كۈچى ئۆزگەرمەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.