ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى
ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى يېڭى گۈللەنگەن جاھانگىر دۆلەت ئامېرىكا بىلەن كونا مۇستەملىكىچى دۆلەت ئىسپانىيە ئوتتۇرسىدا 1898-يىلى يۈز بەرگەن ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۇبا بىلەن فىلىپپىننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش مەقسىتىدە پارتلىغان ئۇرۇشتۇر. ئۇرۇش كۇبا بىلەن فىلىپپىندا بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك يۈز بەرگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1895-يىلى كۇبا خەلقى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدا يەنە بىر قېتىم جۇشقۇن مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئامېرىكا كېڭەيمىچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ، ئۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيىتتى.
4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا ئىسپانىيىنىڭ كۇبادىن چېكىنىپ چىقىپ كېتشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇلتىماتۇم ئەۋەتىپ، رەت قىلىندى. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا ئىسپانىيىگە قارشى رەسمى جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇرۇش 1898-يىلى 4-ئايدا ئۇرۇش ئېلان قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ 7-ئايدا ئىسپانىيە تەسلىم بولغانغا قەدەر ئۈچ ئاي داۋاملاشقان.
19-ئەسىرنىڭ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مونوپول كاپتالىزم باسقۇچىغا كىرگەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى دۇنيادا ئالدىنىقى قاتارغا ئۆتتى. ۋەھالەنكى، كىيىن گۈللەنگەن مۇشۇنداق بىر كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەت مۇستەملىككە بۆلۈشۈش جەھەتتە كېچىكىپ قېلىپ، پايدىسىز ئۇرۇندا تۇرۇپ قالدى. شۇڭا مۇستەمىلىكلەرنى قايتىدىن بۆلۈشنى تەقەززالىق بىلەن تەلەپ قىلدى ھەمدە تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن مۇستەمىلىكچى دۆلەت ئىسپانىيەگە توغرلىدى. ئىسپانىيىنىڭ مۇستەمىلىكىسى بولغان كۇبا بىلەن فىلىپپىننىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ ئۇستىگە تەبى بايلىقى ئىنتايىن مول بۇلۇپ، ئامېرىكا ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن بېرى چىشىنى بىلەپ كەلگەنىدى.
ئۇرۇش كۇبانىڭ خاۋانا پورتىدا توختىغان ئامېرىكىنىڭ «ماين ناملىق» ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ 1898-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى سىرلىق پارتلىتىۋېتىلگەنلىكىدىن قوزغالغان، ئامېرىكا بۇ پاراخوتنى ئىسپانىيىلىكلەر پارتلىتىپ چۆكتۈرۈۋەتتى دەپ ھۆكۈم قىلىپ، 1898-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىسپانىيىگە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ كۇبادىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلغان. 25-كۈنى ئامېرىكا ئىسپانىيىگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان.
1898-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا فلوتى فىلىپپىننىڭ مانىلا قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلغان. يېرىم كۈنگە بارمايلا ئىسپانىيە فلوتى(جۈملىدىن ئۇنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى پوتەيلىرى) بىتچىت قىلىنغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىسپانىيىنىڭ فىلىپپىندىكى مۇستەملىكە ئارمىيىسىمۇ ئامېرىكىغا تەسلىم بولغان.
ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشىنىڭ تۇتۇنى ئالدى بىلەن فىلىپپىندە كۆتۈرۈلدى. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ناملىق فىلوتى مانىلا قولتۇقى ئىچىدە ئىسپانىيە فىلوتىنى يوقاتتى، ئارقىدىنلا مانىلا قولتۇقىنى قامال قىلدى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئامېرىكا ئارمىيىسى «كۇبانىڭ مۇستەقىل بۇلشىغا ياردەم بېرىش» بايرىقىنى كۆتۈرۋېلىپ، كۇبانىڭ سانتىياگو شەھىرى ئەتراپىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئەينى ۋاقىتتا ئىسپانىيە قۇشۇننىڭ كۆپىنچىسى كۇبا ئىنقىلابى قۇشۇنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سان خيئا تېغى بىلەن ئىلكانېيىدىن ئىبارەت نتياگودىكى ئىككى ئىستھكامنى ئوڭۇشلۇق ئىشغال قىلدى. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىسپانىيىنىڭ ئاساسىي فلوتى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ سانتىياگو قولتۇقىدىن بۆشۈپ چىققىنىدا، قولتۇق ئاغزىدا كۈتۈپ تۇرغان ئامېرىكا فىلوتى تەرپىدىن بىر بىرلەپ غەرق قىلىنىپ، پۇتۇنلەي يوقتىلدى. ئىسپانىيىنىڭ كۇبادىكى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىمۇ كۇبا ئىنقىلابى قۇشۇننىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچىردى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىسپانىيىنىڭ سانتىياگودا تۇرۇشلۇق 24 مىڭ كىشلىك قۇشۇنى پۇتۈنلەي تەسلىم بولدى. ئامېرىكا سانتىياگونى تەسلىم قىلدى. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 11 مىڭ كىشلىك قوشۇنى فىلىپپنغا يىتىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇننىڭ ماسلىششى ئارقىسىدا 8-8-ئاينىڭ 13-كۈنى مانىلا شەھىرىنى ئالدى. ئامېرىكا- ئىسپانىيە ئۇرۇشى ئىسپانىيىنىڭ ئۈزۈك -كېسىل مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئامېرىكائىسپانىيە ئۇرۇشى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىسپانىيىنىڭ سانتىياگودا تۇرۇشلۇق 24 مىڭ كىشلىك قۇشۇنى پۇتۈنلەي تەسلىم بولدى. ئامېرىكا سانتىياگونى تەسلىم قىلدى. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 11 مىڭ كىشلىك قوشۇنى فىلىپپنغا يىتىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇننىڭ ماسلىششى ئارقىسىدا 8-8-ئاينىڭ 13-كۈنى مانىلا شەھىرىنى ئالدى. ئامېرىكا- ئىسپانىيە ئۇرۇشى ئىسپانىيىنىڭ ئۈزۈك -كېسىل مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئامېرىكائىسپانىيە ئۇرۇشى 1898 -يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە «پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىدە: ئىسپانىيە كۇباغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىدىن ۋاز كېچىپ، كۇبانىڭ «مۇستەقىللىقى» نى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە پورتورىكو، غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىدىكى باشقا ئاراللار ۋە گۇئام ئارىلى، شۇنىڭدەك فىلىپپىننى ئامېرىكىغا بۆلۈپ بېرىدۇ؛ ئامېرىكا تۆلەم ھېسابىدا ئىسپانىيىگە 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.