مۇجى يېزىسى
مۇجى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مۇجى يېزىسىمۇجى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان. 1962-يىلى مۇجى گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1967-يىلى نامى ئالغا گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1984-يىلى مۇجى يېزىسى بۇلۇپ تەسىس قىلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 830 كىلومېتىر. كۆلىمى 7602 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3000 ئادەم. قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار %99.8 نى ئىگىلەيدۇ. ئىقتىسادىي چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.
مۇجى يېزىسىمۇجى «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى 4»، «غەربىي يۇرت يەر ناملىرى» ناملىق كىتابلاردا «مۇجى» تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ، ئۈچ خىل مەنىسى بار: بىرىنچى، خەلق ئارىسىدا رىۋايەت قىلىنىشىچە، تەخمىنەن يەتتە يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەردە ئادەم ئاز، سىرتتىن كەلگەن دىن تارقاتقۇچىلار بۇ يەردىن ئۆتكەندە، يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنىڭ گەۋدىسىدىكى خۇرجۇننى كۆرۈپ قىزىقىپ، سىلاپ «مۇجى» دېگەن، ئۇنىڭ مەنىسى «سىلاش»؛ ئىككىنچى، مۇجى ئەرەب تىل سېستىمىسىدىكى «مەۋج» دېگەن سۆزنىڭ فونېتىك ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن، ئۇنىڭ مەنىسى «دولقۇن، دولقۇنلاش»، بۇ يەردە «ئاۋات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە «غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش ئاتىكاتسىيە» دە: «مۇجى قىيپاش، بۇلۇڭ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دېيىلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.