ئامېرىكا تەبىئەت-تارىخ مۇزېيى
ئامېرىكا تەبىئەت-تارىخ مۇزېيى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئەت-تارىخ مۇزېيى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇزېيلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1860-يىلى نيۇيورك تا قۇرۇلغان، مۇزېينىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 70 مىڭ كۋادرات مېتىرغا، يىللىق تاماشىبىن 4 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئامېرىكا تەبىئەت-تارىخ مۇزېيى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئەت-تارىخ مۇزېيى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇزېيلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1860-يىلى نيۇيورك تا قۇرۇلغان، مۇزېينىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 70 مىڭ كۋادرات مېتىرغا، يىللىق تاماشىبىن 4 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىدۇ. ھازىر بۇ مۇزېي ئاساسىي كۆرگەزمە، ئاسترونومىيە، قېزىلما بايلىق، ئىنسانىيەت، قەدىمىي ھايۋانلار ۋە ھازىرقى زامان ھايۋانلىرىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاسترونومىيە مۇزېيدىن باشقا 35 كۆرگەزمىخانىسى بار. ئامېرىكا تەبىئەت-تارىخ مۇزېيىدا ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر يۈرۈش ئاپپارات بار بولۇپ، ئوخشىمىغان پەنلەر بويىچە جانلىقلار ھەرىكىتىنى ئىلمى، ئىنسانشۇناسلىق، ئاسترونومىيە ئىلمى قاتارلىق 12 ئىلمىي بۆلۈم بار، ھەربىر بۆلۈمدە تەجرىبىخانا تەسىس قىلىنغان. ئامېرىكا تەبىئەت-تارىخ مۇزېيىدا ئىنتايىن مول جانلىقلار ئەۋرىشكىسى ۋە باشقا قىممەتلىك بۇيۇملار بار. بۇلار بۇ مۇزېينىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا تەبىئەت-تارىخ مۇزېيىدا يەنە تەبىئەت، تارىخقا ئائىت 275 مىڭ خىلدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى ناھايىتى قىممەتلىك تۇنجى نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا تەبىئەت-تارىخ مۇزېيىدا يەنە نەشرىيات ئاپاراتى بولۇپ، بۇ يەردە نەشر قىلىدىغان ژورنال ۋە كىتابلار 10 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ناتۇرال ئىلمى» ناملىق ژورنال 80 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.