بولىۋىيە

بولىۋىيە

بولىۋىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتى. ئۇنىڭ <<ئېگىزلىكتىكى دۆلەت>> دېگەن ئاتىلىشمۇ بار . تېنچ ئوكياننىڭ غەربىگە، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى.

ئۇيغۇرچە نامى بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى بولىۋىيە 玻利维亚
ۋاقىت رايونى غەربى10- ۋاقىت رايونى
دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى
نوپۇس زىچلىقى 8.36 ئادەم/ كىۋادرات كىلومېتىر((2010-يىل)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 多民族玻利维亚国
قىتئە تەۋەلىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى
پايتەختى لاپاز، سۇكرې
نوپۇسى 10 مىليون 85 مىڭ (2014-يىل)
يەر مەيدانى 1 مىليون 98 مىڭ 600 كۇۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بولىۋىيەبولىۋىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتى. ئۇنىڭ <<ئېگىزلىكتىكى>>دېگەن ئاتىلىشمۇ بار . تېنچ ئوكياننىڭ غەربىگە، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. يەر مەيدانى 1 مىليون 98 مىڭ 600 كۇۋادىرات كىلومېتىر،  2014-يىلىكى نوپۇسى 10 مىليون 85 مىڭ، ئىسپان ۋە يەرلىك ئىندىئانلاردىن بولغان شالغۇتلار %60 نى، كوچۇئا ھىندىئانلىرى %21 نى، ئايمارا ئىندىئانلىرى %15 نى، ئىسپانىيىلىك كۆچمەنلەر ئەۋلادى %3 نى ئىگەللەيدۇ. 

دۆلەت بايرىمى 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى مۇستەقىللىق بايرىمى (1825-يىلى) .

بولىۋىيەبولىۋىيە ئەسلىدە يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ دۆلىتى بولۇپ تارىختا ئايمارالار بۇ زىمىندا قۇدرەتلىك پادىشاھلىقلارنى قۇرغان. 14- ئەسىردە شەرقتىكى كوچۇئالار قۇرغان ئىنكا ئىمپىرىيىسى ئايمارا پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ پېرۇ ۋە بولىۋىيە، ۋە چىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، نوپۇسى 20 مىليوندىن ئاشىدىغان قۇدرەتلىك ئىمپىرىيە قۇرغان. 1525 - يىلى ئىسپانىيە تەۋەككۈلچىسى پىزاررو ئىنكا ئىمپىرىيىسىنى بويسۇندۇرۇپ تۇنجى قېتىم بولىۋىيەگە قاراشلىق زىمىننى ئىسپانىيەگە قاراشلىق مۇستەملىكە قاتارىغا كىرگۈزگەن، 1538-يىلى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئەسلىدىكى ئىنكا ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق زىمىنلارنى ئۆلكىلەرگە ئايرىپ ھازىرقى بولىۋىيەگە يۇقىرى پېرۇ ئۆلكىسى دەپ نام بەرگەن. ئۈچ يۈز يىللىق مۇستەملىكە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن 1810-يىلى سىمون بولىۋار باشچىلىقىدىكى قوشۇن جەنۇبى ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئىسپانلارنىڭ قولىدىن ئازات قىلغان، 1825-يىلى بولىۋارنىڭ قول ئاستىدىكى سۇكرىنىڭ قوماندانلىقىدىكى بىر بۆلۈك ھەربى قوشۇن يۇقىرى پېرۇدىكى ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى تەسلىم قىلغان. بولىۋىيە يۇقىرى پېرۇ نامى بىلەن مۇستەقىل بولۇپ ۋېنسۇئېلا، كولومبىيە، پاناما، ئېكۋاتور، پېرۇ ۋە چىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك كولومبىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1839-يىلى بولىۋىيە فىدىراتسىيەدىن چېكىنىپ يۇقىرى پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1875 - يىلى دۆلەت نامىنى بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىگە، پايتەخت نامىنى سۇكرىغا ئۆزگەرتكەن، 1880-يىلى تېنچ ئوكيانغا چىقىش ئېغىزىدىكى ئانتافاگاستا ئۆلكىسىنى چىلى، غەربى قىسمىدىكى ئاكرى ئۆلكىسىنى بىرازىلىيە، لوسئاندىس ئۆلكىسىنى ئارگېنتىنا بېسىۋېلىپ بولىۋىيە زىمىنىنىڭ يېرىمىدىن ئايرىلىپ قالغان، 1928-يىلىدىن 1935-يىلىغىچە پاراگۋاي بىلەن بولغان چاك ئۇرۇشىدا بولىۋىيە يەنە تالاش تارتىشتىكى چاك يايلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن ئايرىلىپ ھازىرقى دۆلەت چېگرىسى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەنگەن.

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

بولىۋىيەتېنچ ئوكياننىڭ غەربىگە، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. ئارىلىقى 186 كىلومېتىر كېلىدىغان چىلىغا قاراشلىق ئاتاكاما كارىدورى ئارقىلىق تېنچ ئوكياندىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بولىۋىيەگە شەرقىي تەرىپىگە ئامازون دەريا تۈزلەڭلىكىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن لاپلاتا دەريا بويى تۈزلەڭلىكىنىڭ بىر قىسمى جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ تەخمىنەن %70 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئاندېس تاغلىقلىرى جايلاشقان. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3800 مېتردىن ئاشىدۇ. غەربىي قىسىم تاغلىق رايوندا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز تاتلىق سۇلۇق كۆل تىتكاكا كۆلى جايلاشقان. بۇ كۆلدە يىل بويى قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. 

ئىقلىم ئالاھىدىلىكى 

ئىقلىمى يەر ۋەزىيىتىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئېگىز تاغلىقلارنىڭ ئىقلىمى سوغۇق، تاغ ۋادىلىرىنىڭ ئىللىق، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ قاتتىق ئىسسىق كېلىدۇ. ھۆل - يېغىنى شەرقىي قىسىملىرىدىكى 2000 مىللىمېتردىن غەربكە قاراپ ئازلاپ 100مىللىمېترغا چۈشىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 50% يېرىنى ئورمانلىقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بولىۋىيەنىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ، تاغلىق رايوندىن باشقا جايلارداقىش پەسلى بولمايدۇ.

بولىۋىيە دۆلەت نوپۇسىنىڭ 95%نى كاتولىكلار تەشكىل قىلىدىغان تىپىك كاتولىك دۆلىتى بولسىمۇ ئەمما بولىۋىيە تاغلىقلىرىدىكى كاتولىك دىنىدا يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر. شەھەرلەردە تەخمىنەن دۆلەت نوپۇسىنىڭ 4% گە باراۋەر كېلىدىغان پىروتىستانتلار بار . 

بولىۋىيەنىڭ دۆلەت تىلى ھىندى ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسى -لاتىن تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ئىسپان تىلى، ھۆكۈمەت تىلى ئىسپان تىلى ۋە ئاندىس تىل سېستىمىسىغا تەۋە كوچۇئا تىلى، ئايمارا تىلى. 

بولىۋىيەبولىۋىيەنىڭ پۇلى بولىۋىيان. 2004-يىلى 8 بولىۋىيان = بىر دوللار، 2006-يىلى 8.0159 بولىۋىيان = بىر دوللار، 2008-يىلى 7.253 بولىۋىيان = بىر دوللار. 

دۆلەت بايرىقى 

بولىۋىيە  بولۋىيە دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلىك، ئۆزئارا تەڭ تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىرىدىن تۈزۈلگەن. قىزىل رەڭ بولۋىيە خەلقىنىڭ باتۇرانە روھىنىڭ سىمۋولى، سېرىق رەڭ بىلەن يېشل رەڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىزىلما بايلىقى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىمۋولى. دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى سىزىلغان. بولىۋىيە دۆلەت گېربىدە قەدىمكى ئىنگا مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ماي قۇياشى كۆمۈش كۆپ چىقىدىغان بوتوس تېغى بىلەن يېشىل ئوتلاققا نۇر چېچېىپ تۇرغان. ئوتلاقتا نان دەرىجى ، شال باشىقى، جەنۇبى ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ھايۋىنى قويسىمان تۆگە ۋە يەرلىك شەكىلدىكى دېھقان ئۆيى بولۇپ، بولىۋىيىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسى كۆرسىتىلگەن. ئىسپانىيىچە بولىۋىيە دەپ يېزىلغان قىزىل خەت بىلەن توققۇز ئۆلكىنى بىلدۈردىغان توققۇز ئالتۇن يۇلتۇز دۆلەت گېربىنى چۆرىدەپ تۇرغان؛

دۆلەت گېربى 

بولىۋىيەئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ ، ئۈستىدە قۇياش، تاغ چوققىسى، بولكا دەرىخى، قانداغاي ۋە زىرائەت دانلىرىنىڭ رەسىم شەكىللىرى بار. يۇمىلاق شەكىلنىڭ تۆۋەندىكى يېرىمىدىكى توققۇز دانە بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ شەكلى بولىۋىيەنىڭ توققۇز ئۆلكىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۈستۈنكى يېرىمىغا ئىسپانىيە <<بولىۋېيە>> دېگەن خەت بېزەلگەن. ئېللىپىس شەكلىنىڭ ئىككى يېنىغا ئۈچتىن دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان. ئۇنىڭ ئارقىسىغا كالتەك ۋە قوراللار قايچىلاشتۇرۇپ تىكلەنگەن. سول تەرەپتىكى كالتەكنىڭ ئۇچىغا <<ئەركىنىك>> كىيدۈرۈلگەن. ئېللىپىس شەكىلنىڭ ئۈستىدىكىسى ناھايىتى چوڭ بىر شۇڭقار شەكلى بولۇپ، ئۇ كۈچ -قۇدرەت بىلەن ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى.

بولىۋىيە دۆلەت گېربىنىڭ ئارقىسىغا زەمبىرەك، نەيزىلىك مىلتىق، ئىنگالارنىڭ كۈمۈش پالتىسى ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئەركىنلىك تومىقى بىلەن ئالتە دۆلەت بايرىقى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان. بۇ ھەم ئازادلققا ئېرشتۈرگۈچى بولىۋارنىڭ ئۇلۇغىۋار تۆھپىسىنى خاتىرلەش بولۇپ ھەم بولىۋىيىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىنىڭ سىمۋولىدۇر. پەرۋاز قىلىش ئالدىدا تۇرغان بولىۋىيە دۆلەت قۇشى ئاندىس بۈركۈتى بىلەن يېشىل لاۋېر دەرىخى، زەيتۇن شېخى قاتارلىقلار بولىۋىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋەتىنىچلىققا بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلىگەن.

بولىۋىيەبولىۋىيە دۇنيا بويىچە ئۇرۇش ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش كۆپ بولۇپ، رەھبەرلىكى مۇقىم بولماي كېلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا ئىقتىسادى راۋاجلىنىش پۇرسىتى بولمىغان، ئۇ مۇستەقىل بولغان 146 يىل ئىچىدە 185 قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش بولغان، 85 پېرىزدېنت ئالماشقان. 

بولىۋىيەبولىۋىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. قەلەي، كۈمۈش، ۋىسموت، سۈرمە، ۋۇلفرام، قوغۇشۇن، سېنك، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. بولۇپمۇ قەلەي ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا مالايسيەدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بولىۋىيىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ %95 نى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەلەي %55 نى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئېكسپورتى زور مىقداردا ئاشماقتا. يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلقتىكى ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىلىرىنىڭ 2/3 سىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، ياڭيۇ، بۇغداي، قەھۋە، كاكائۇ، شال، شېكەر قۇمۇشى، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. بولىۋىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كوكائىن مەھسۇلاتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق لاما (قويسىمان تۆگە)، چوشقا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. بولىۋىيەنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران %15 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاساسلىق يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، مېتالچىلىق، نېفىت ئايرىش، كانچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق چوڭ - كىچىك 400 دىن ئارتۇق سانائەت ئورۇنلىرى بار. كوفى، گۆش، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. 2008-يىلى بولىۋىيەدە تېلفون ئابونتى 678 مىڭ، يانفون ئابونتى 3 مىليون 254 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 1 مىليون 110 مىڭ بولغان.

بولىۋىيەنىڭ 2008-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى 18 مىلىيارد دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4500 دوللار توغرا كېلىدۇ. بولىۋىيەنىڭ 2001-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل %6 بولۇۋاتىدۇ. [1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#