برونە قىسىم
برونە قىسىم تانكا ۋە باشقا برونىلىك جەڭ ماشىنىسى بىلەن جابدۇنغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىم تۈرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
برونە قىسىم تانكا ۋە باشقا برونىلىك جەڭ ماشىنىسى بىلەن جابدۇنغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىم تۈرى. ئۇ تانكا قىسىمى ۋە برونىلىك پىيادە ئەسكەرلەر قىسىمىدىن تەشكىللەنگەن. تېز، شىددەتلىك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە برونە قىسىم يادرو قوراللىرى ۋە باشقا ئوت كۈچىدىن پايدىلىنىپ زەربىدارلىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرالايدۇ، ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى مۇھىم زەربىدار كۈچ ھېسابلىنىدۇ.
برونە قىسىم ئادەتتە ئارىلاش ئارمىيە ئىچىدە ھەرىكەتچان جەڭ قىلىدۇ. ھۇجۇم داۋامىدا پىيادە ئەسكەرلەرگە ماسلىشىپ دۈشمەننىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مۇداپىئە كۆرۈۋاتقان دۈشمەننى يوقىتىدۇ، دۈشمەننىڭ يان ئارقا تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ مۇھاسىرىگە ئېلىپ، يېرىپ كىرىپ دۈشمەن كۈچىنى بۆلۈپ، پىيادە ئەسكەرلەرگە ماسلىشىپ دۈشمەننى بىر-بىرلەپ يوقىتىدۇ، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش، مۇھاسىرىنى يېرىپ ئۆتۈشكە ياردەم بەرمەكچى بولغان دۈشمەننى يوقىتىدۇ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدۇ. مۇداپىئە كۆرگەندە، مۇداپىئە سېپىمىزگە ئىچكىرىلەپ تۇيۇقسىز كىرگەن دۈشمەنگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدۇ، پاراشۇت بىلەن سەكرىگەن، ئايروپىلاندىن سەكرىگەن ۋە قۇرۇقلۇققا چىققان دۈشمەننى يوقىتىدۇ.
برونە قىسىمجۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى برونە قىسىمى دۈشمەننىڭ قوراللىرىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان. 1950-يىلى9-ئايدا، برونە قىسىم رەھبەرلىك ئورگىنى رەسمىي قۇرۇلدى. برونە قىسىملارغا 60-يىللاردىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھەر خىل تانكا ۋە برونىلىك ئاپتوموبىللار سەپلەپ بېرىلدى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.