پتولېمېي

پتولېمېي

قەدىمكى زامان كىشىلىرى كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى، قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئەڭ قىزىقاتتى. پتولېمېي (تەخمىنەن 90-168) بۇ مەسىلىلەرنى بىرىنچى بولۇپ سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان ھەمدە ئۇتۇق قازانغان ئالىم، شۇڭا ئۇ تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى پتولېمېي
باشقا نامى Ptolemy
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە 90-يىلى
كەسپى جۇغراپىيە ئالىمى، ئاسترونومىيە ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 克罗狄斯·托勒密
دۆلەت تەۋەلىكى قەدىمكى رىم ئىمپېرىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيە 168-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پتولېمېيقەدىمكى زامان كىشىلىرى كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى، قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئەڭ قىزىقاتتى. پتولېمېي (تەخمىنەن 90-168) بۇ مەسىلىلەرنى بىرىنچى بولۇپ سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان ھەمدە ئۇتۇق قازانغان ئالىم، شۇڭا ئۇ تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 

پتولېمېي ياشىغان دەۋر قەدىمكى يۇنانىستاننىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بولۇپ، ئەينى چاغدا رىملىقلار يۇنانىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بېسىۋالغاچقا، يۇنانىستاننىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيىتى تېزدىن سىرتقا تارقالغان. پتولېمېي يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان مىسىر شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان پتولېمېي شەھىرىدە تۇغۇلغان.

پتولېمېيپتولېمېي ئارىستوتېل قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، نۇرغۇن ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ۋە يەر ئۆلچەش ئارقىلىق ئالەم قۇرۇلمىسى تەلىماتىنى بەرپا قىلىپ، 13 توملۇق زور ئەسەر «ئاسترونومىيە قامۇسى» نى يازغان. ئۇ ئۆز كىتابىدا ئالدىنقىلار ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى دېگەن قاراشنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرغان ۋە سىستېمىلىق يەكۈنلىگەن. پتولېمېينىڭ سەييارىلەر سىستېمىسى تەلىماتىدا زېمىننىڭ مۇئەللەقتىكى تايانچسىز شار جىسىم ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدە سەييارە ۋە كۈن، ئاينىڭ يۇلتۇزلار ئىچىدىكى بىزگە بىرقەدەر يېقىن ئاسمان جىسىملىرى ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىپ، قۇياش سىستېمىسىنى يۇلتۇزلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق قەدەمنى باسقان. پتولېمېي سىستېمىلىق ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ۋە ھېسابلاشلار ئارقىلىق، 1028 يۇلتۇزنىڭ ئورۇن جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىققان، ئاي شارىدىن يەر شارىغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقىنىڭ يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ 5.29 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان، بۇ سانلىق قىممەتنى ھېسابلاپ چىقىش قەدىمكى زاماندا ئاسان ئەمەس ئىدى. قانۇنىيەتلىك سەييارىلەر سىستېمىسى پتولېمېي تەلىماتىنىڭ يادروسى ۋە جەۋھىرى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور رول ئوينىغان. پتولېمېي تەلىماتىنىڭ شاكال قىسمى بولغان يەر مەركەز تەلىماتى ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ تەجرىبە تۇيغۇسىغا ئۇيغۇن ئىدى، شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۇزاق مۇددەت چوقۇنۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەر مەركەز تەلىماتى «ئىنجىل» دە ئېيتىلغان يەر شارىنىڭ ھەرىكەتلەنمەي جىم تۇرۇشى، تەڭرىنىڭ ئىنسانلارنى ئالەمنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلەن ماس كەلگەچكە، دىنىي جەمئىيەت بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەتكەن، ئۇ گۇمان قىلىشقا بولمايدىغان دىنىي ئەقىدىگە ئايلىنىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىيىسى ساھەسىدە 1400 يىل ھۆكۈمران بولغان. كېيىن كوپېرنىك پتولېمېي تەلىماتىدىكى شارسىمان زېمىن، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىدىغان سەييارىلەر سىستېمىسى قاتارلىق جەۋھەرلەر ئاساسىدا يەر مەركەز تەلىماتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مەركەزنى قۇياشقا يۆتكەپ، «قۇياش مەركەز تەلىماتى» نى بەرپا قىلىپ، كوپېرنىكنىڭ ئاسترونومىيە ئىنقىلابىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 

پتولېمېي بىلىملىك ئىستېدات ئىگىسى، ئۇلۇغ ئىلىم ئەھلى بولغاچقا، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە تارقىلىپ كەلگەن. پتولېمېي ئاسترونوم بولۇپلا قالماي، يەنە ماتېماتىك، ئوپتىكاشۇناس، جۇغراپىيەشۇناس ۋە خەرىتىشۇناس ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ خەرىتىلىرىنىڭ شەرق تەرىپى ھىندىستاندىكى گانگې دەرياسىغىچە ئىدى، ئۇ جۇڭگودىن غەربىي ياۋروپاغىچە، روسىيىدىن مىسىرغىچە بولغان دۇنيا خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. ئۇ نۇرنىڭ سۇنۇشى ھەققىدە ئۈنۈملۈك تەتقىقاتلارنى ئىشلەپ، چۈشۈش بۇلۇڭى بىلەن سۇنۇش بۇلۇڭىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان، ئۇ يەنە تەتقىقاتىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇپ، سۇنۇش قانۇنىيىتىگە يېقىنلاپ قالغان، ئەپسۇسكى ئۇنى بايقىيالمىغان. نەتىجىدە، سۇنۇش قانۇنىيىتىنى 17-ئەسىرگە كەلگەندە گوللاندىيەلىك ماتېماتىك سىنور تېپىپ چىققان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#