قۇياش سائىتى

قۇياش سائىتى ئارقىلىق ۋاقىت ھېساپلاشنىڭ پىرىنسىپى ئاددى بولسىمۇ، بىراق ئىنتايىن ئىلمىي. قۇياشنىڭ ھەركۈنى شەرىقتىن چىقىپ غەربكە ئولتۇرىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارىدىكى جىسىملارنىڭ سايىسىنڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى تەرتىپلىك ھالدا ئۆزگىرىدۇ ۋە ئورنى يۆتكىلىدۇ، قەدىمكى كىشىلەر مۇشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پىتىشىغا ئەگىشىپ جىسىملارنىڭ سايىسىنى تەرتىپىلىك ھالدا ئۆزگەرتىدىغان ئاددى ۋاقىت ھېساپلاش ئەسۋابى.

ئۇيغۇرچە نامى قۇياش سائىتى
خەنزۇچە نامى 太阳小时

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇياش سائىتىنىڭ قۇرۇلمىسى مېتاك تاياقچىدىن ياسالغان، « سائەت ئىستىرىلكىسى » ۋە ۋاقىت سىزىقى ئويۇلغان يۇمىلاق تەخسە يەنى سائەت تەخسىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل قىلىدۇ.

سائەت ئىستىرىلكىسى سائەت تەخسىسىىنىڭ مەركىزىدىن تېشىپ چىقرىلىدۇ، تەخسە يۈزى بىلەن تىك ھالەتتە ئورنىتىلىدۇ، سائەت تەخسىىس ئېكۋاتۇر يۈزى بىلەن پاراللىل قويۇلىدۇ، سائەت ئىستىرىلكىسى يەر ئوقى بىلەن پاراللىل قويۇلۇپ، شىمالىي قۇتۇپقا قارىتىلدۇ، سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ سايىسى قۇياش نۇرى ئاستىدا تەخسە يۈزىدە يۆتكىلىدۇ، يەنى سەھەردە سايە تەخسىنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئويۇلغان سىزىق ئۈستىگە چۈشىدۇ، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئىستىرىلكىنىڭ سايىسى تەدرىجىي قىسقىراش بىلەن تەڭ، شىمال تەرەپكە يۆتكىلىدۇ، قۇياش دەل جەنۇپ تەرەپتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، ئىستىرىلكا سايىسى دەل شىمال تەرەپكە چۈشۈپ، شۇ يەرنىڭ چۈش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن قۇياش غەرىب تەرەپكە قىيسىيدۇ، ئىستىرىلكا سايىسى شەرىق تەرەپكە قىيسىيدۇ، بۇ ھازىرقى سائەتلەرنىڭ ئىستىرىلكىسىغا ئوخشايدۇ. قۇياشنىڭ ھەرىكەتلەندۇرىشى بىلەن تەخسە يۈزىنى بويلاپ يۆتكىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. 

جوڭگۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەت، قۇياش سائىتى توغرىسىدا ئەڭ بۇرۇن سۇ سۇلالىسى دەرۋرىدە يازما خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. 

ھازىر جوڭگۇ تارىخ مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان ئېكۋاتۇر قۇياش سائىتى چىن - خەن دەۋرىدە ياسالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#