بەھرەين پادىشاھلىقى

بەھرايىن پادىشاھلىقى

بەھرايىن پادىشاھلىقى (ئەرەبچە: مملكة البحرين ؛ ئىنگلىزچە: Kingdom of Bahrain) . بەھرايىن پېرسىيە قولتۇقىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئىران بىلەن دېڭىز ئارقىلىق چېگرىلىنىدۇ.  ئومۇمىي يەر مەيدانى 750 كۋادرات كلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى بەھرەين پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى بەھرەين 巴林
ۋاقىت رايونى UTC+3
دۆلەت شېئىرى «بىزنىڭ بەھرەين»
سىيسى تۈزۈلمىسى ئىككى مەنبەلىك تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴林王国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
پايتەختى ماناما
دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى
نوپۇسى 1 مىليۇن 380 مىڭ (2015-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەھرايىن پادىشاھلىقىبەھرەيىن پادىشاھلىقى (ئەرەبچە: مملكة البحرين ؛ ئىنگلىزچە: Kingdom of Bahrain) . بەھرەيىن پېرسىيە قولتۇقىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئىران بىلەن دېڭىز ئارقىلىق چېگرىلىنىدۇ.  ئومۇمىي يەر مەيدانى 750 كۋادرات كلومېتىر.

نوپۇسى : 1 مىليون 380 مىڭ (2015-يىل). بەھرەينلىك ئەرەبلەر %62، كۆچمەن ئەرەبلەر %21 ، ئامېرىكا-ياۋروپالىق كۆچمەنلەر %4،  پارسلار %4، پاكىستانلىقلار %3، فىلىپپىنلىقلار %2، ھىندىلار %2 نى ئىگەللەيدۇ.

دىنى :  ئاھالىنىڭ %42 نى ئىگەللەيدىغان خەلىپە جەمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  يەرلىكلەرنىڭ يېرىمى، كۆچمەن ئەرەبلەر ۋە پاكىستانلىقلار سۈننى مەزھەپكە،  يەرلىكلەرنىڭ يېرىمى ۋە پارىسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان %40 ئاھالە شىئەلەرنىڭ 12 ئىمام مەزھىبىگە، ياۋروپا ۋە فىلىپپىنلىق كۆچمەنلەردىن بولغان %9 ئاھالە خىرىستىان دىنىغا، ھىندىلار ھىندى دىنىغا ئىشىنىدۇ.

 تىلى : ھۆكۈمەت تىلى - ئەرەب تىلى، ئىنگىلىز تىلى ئورتاق تىل ھېسابلىنىدۇ. 

دۆلەت بايرىمى :  ئەنگىلىيەدىن مۇستەقىل بولغان كۈن 1971-يىلى 12-ئاينىڭ16-كۈنى.

پايتەختى : ماناما ئاھالىسى 370 مىڭ.

بەھرايىن پادىشاھلىقىبەھرەيىن ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ قەدىمى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن 200يىل بۇرۇنلا بۇ يەردە ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزۇن يىللاردا گاھى پېرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ گاھى بابىلوننىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېرى بولغان بولسىمۇ زىمىن كىچىك، نوپۇس ئاز بولغانلىقتىن چەتئەللىكلەرنىڭ ھىچقايسىسى بەھرەيىنغا ئۇنچىلا كۆڭۈل بكلۈپ كەتمىگەن. مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە بەھرەيىن ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 899-يىلى بەھرەيىن قەرماتىلار ۋە ئىسمائىلەرنىڭ بىر قىسمى بولغان قەرماتىلەنىڭ قارارگاھىغا ئايلىنىپ مۇستەقىل بولغان، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئىدىيە ۋە ئۆرپ ئادەتتە پەرقى زورىيىشقا باشلىغان. 930-يىلى بەھرەيندىكى قەرماتىلار مەككىدىكى «ھەجرۇلئەسۋەد» نى بۇلاپ كېلىپ بەھرەيندە 30يىل تۇرغۇزغان، كېيىن ئابباسىلار دەۋرىدە بەھرەيىندىكى ئىسمائىلىلار ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ «ھەجرۇلئەسۋەد» مەككىدىكى جايىغا قويۇلۇپ، بەھرەيىن بەسىرا ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى قىلىنغان، 1507-يىلىغا كەلگەندە بەھرەيىن پورتۇگالىيە ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. 1602-يىلى بەھرەيىندىكى پورتۇگالىيىلىكلەر پارىسلار تەرىپىدىن قوغلانغان، 1782-يىلىغا كەلگەندە بەھرەيىنلىقلار ئەمىر سۇلايمان جەمەتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوزغۇلۇپ پارىسلارنى قوغلاپ چىقارغان ۋە مۇستەقىللىق جاكارلىغان.1783-يىلى ئەنگلىيە بەھرەيىننى تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا قىستاپ تەدرىجى بەھرەيىننىڭ سودا-ئىقتىسادىنى تىزگىنلىۋالغان. 1880-يىلىدىن 1892-يىلىغىچە ئەنگىلىيە بەھرەيىن بىلەن مەجبۇرى كېلىشىم ئىمزالاپ بەھرەيىننىڭ سىياسى ۋە ھەربى ئىشلار ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان. 1933-يىلى بەھرەيىننىڭ نېفىت ئېچىش ھوقۇقىنى بىكار قىلغان. 1957-يىلى ئەنگىلىيە بەھرەيىننى ئەنگىلىيە ھامىلىقىدىكى مۇستەقىل خەلىپىلىك دەپ يەنە بىر قېتىم جاكارلىغان.  

   1968-يىلى ئەنگلىيە ئىسلام كېڭىشىگە بەرگەن  ۋەدىسىگە بىنائەن 1971-يىلىدىن بۇرۇن سۇۋەيش قانىلىنىڭ شەرقىدىكى بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ شۇ يىلى 8-ئاينىڭ14-كۈنى ئەيسا بىن سۇلايمان تەختكە چىقىپ بەھرەيىن سۇلتانلىقى ھەقىقى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1972-يىلى 12-ئاينىڭ16-كۈنى ئەيسا بىننى سۇلايماننىڭ چوڭ ئوغلى ھەمىد بىن ئەيسا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.

بەھرەيىننىڭ پۇلى دىنار. بەھرەيىن رىيالىنىڭ كۇرسى بىر قەدەر يۇقىرى، قىممىتى ئاساسەن ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ماس قەدەملىك بولۇپ 90-يىللاردىن بۇيان 0.376 بەھرەيىن دىنارى = بىر دوللار بولۇپ بولۇۋاتىدۇ.

بەھرايىن پادىشاھلىقى ئەنگىلىيە بەھرەينغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە «دوستانە ئەرەبلەر قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا قىزىل بايراق ئىشلىتىشى كېرەك، بايراق ئۆزلىرى تاللاپ خەت يازسىمۇ، يازمىسىمۇ بولىدۇ. خەتنى بايراقنىڭ ئاق يېرىگە يېزىشى كېرەك» دەپ بەلگىلىگەن بولۇپ بەھرەيىن ئەنگىلىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەت بولغاچقا، سېپى تەرىپى ئاق قالغان قىزىل بايراق ئىشلەتكەن. دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گىرىبىنى ئەنگىلىيەنىڭ بەھرەينغا بەرگەن مەسلىھەتچىسى چارلىز بېلگىراۋ لايىھەلىگەن.

بەھرايىن پادىشاھلىقىبەھرەيىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كۈنسېرى ئازلاۋاتقان نېفىت زاپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خوشنا بولۇش، دۇنيادىكى %50 نېفىت توشۇلىدىغان مۇھىم كارىدور پارىس قولتۇقىغا جايلاشقانلىقىدەك مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ نېفىت پىششىقلاش سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە بانكىلاردىن باج ئالماسلىق سىياسىتى بىلەن دۇنيادىكى چوڭ بانكىلارنى جەلپ قىلىپ 500 دىن ئارتۇق خەلقارا بانكىنىڭ بەھرەيىندا شۆبە تەسىس قىلىشىدەك ئەۋزەل مۇھىتنى بەرپا قىلىپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلانغان.

بەھرەيىن ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق ۋە كۆكتات تېرىشنى ئاساس قىلغان يېزا-ئىگىلىك %0.5 ، نېفىت ۋە تەبىئى گاز قېزىشنى ئاساس قىلغان سانائەت %38.5، بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىدىن قىلىنغان مۇلازىمەت %61 نى ئىگەللەيدۇ.  بەھرەيىننىڭ 2006-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 12 مىليارت 180 مىليون دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 25 مىڭ 600 دوللار. نېفىت ۋە تەبىئى گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %6.6 بولغان.

بەھرەيىن ئەنئەنە جەھەتتىن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىقتىسادى ياخشى دۆلەت بولۇپ ئەنگىلىيىلىكلەر چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە نېفىت پىششىقلاشقا تايىنىپ زور دەرىجىدە تاشقى پىرىۋوت توپلاپ دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈردى. 1973-يىلىدىكى ئاساسى قانۇندا گەرچە پادىشاھلىقنى ئاساسى قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق قىلىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە پارلامېنت ئەسلىگە كالتۈرۈلمىدى. دۆلەتتىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىقنى ئاساسەن بەھرەيىن پادىشاھ جەمەتى ئۈستىگە ئالغان . بەھرەيىن ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئىلغار دۆلەت باشقۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ نېفىتقا تايىنىشى ئاجىزلىغان، سانائەت ۋە جەمىيەت تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ پەن-تېخنىكا ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى خېلىلا تەرەققى قىلغان. 

بەھرەيىننىڭ 2006-يىلىدىكى مۇقىم تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 194 مىڭ، كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 899 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 157مىڭ 300 بولغان.[1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#