پۇل چېكى

پۇل چېكى

پۇل چېكى پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ بانكىغا ئىمزا قويۇپ بەرگەن، ئۆزىنىڭ قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئىسچوتىدىن بەلگىلىك مىقداردا پۇل ئاجرىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىسپاتنامىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پۇل چېكى
چەتئەلچە نامى Check,Cheque
خەنزۇچە نامى 支票

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پۇل چېكىپۇل چېكى پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ بانكىغا ئىمزا قويۇپ بەرگەن، ئۆزىنىڭ قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئىسچوتىدىن بەلگىلىك مىقداردا پۇل ئاجرىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىسپاتنامىنى كۆرسىتىدۇ. بانكىدا پۇل چېكى ئامانەت قويۇش ھېسابىنى ئاچىدىغانلارغا بانكا يېزىلمىغان پۇل چېكى دەپتىرى بېرىدۇ. ئامانەت قويغۇچى ئامانەت قويۇلغان پۇلنىڭ سانى ئىچىدە پۇل چېكىنى تولدۇرۇپ ئىمزا قويىدۇ. بانكا چەككە يېزىلغان سومما بويىچە بەلگىلەنگەن كىشى ياكى چەك ئىگىسىگە پۇل بېرىدۇ.

نۆۋەتتە، نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتقان پۇل چېكى ئاساسەن تۆلەم مۇددىتى بويىچە ئايرىلىدىغان قەرەلسىز پۇل چېكى ۋە قەرەللىك پۇل چېكىدىن ئىبارەت.پۇل چېكىگە ئىسمى يېزىلغان-يېزىلمىغانلىقىغا ئاساسەن، ئىسىملىك پۇل چېكى ۋە ئىسىمسىز پۇل چېكى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. نەق پۇل بېرىش-بەرمەسلىكىگە ئاساسەن، نەق پۇل چېكى ۋە مېمورىئال چەك دەپ ئايرىلىدۇ.

  قەرەلسىز پۇل چېكى :قەرەلسىز پۇل چېكىدە بانكىدىن چەكنى كۆرگەن ھامان پۇل بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛

قەرەللىك پۇل چېكى:قەرەللىك پۇل چېكىدە پۇل بېرىلىدىغان ۋاقىت ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، بانكا چەكنىڭ مۇددىتى توشقاندا ئاندىن پۇل بېرىدۇ. 

  ئىسىملىك پۇل چېكى:ئىسىملىك پۇل چېكىدە بانكىدىن پۇلنى چەكتە بەلگىلەنگەن كىشىگىلا بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ؛

 ئىسىمسىز پۇل چېكى: ئىسىمسىز پۇل چېكىدە بانكا پۇل چېكىنىڭ ھەرقانداق ئىگىدارىغا پۇل بەرسە بولىدۇ.

 نەق پۇل چېكى:نەق پۇل چېكىگە بانكا چوقۇم نەق پۇل بېرىشى كېرەك؛

  مېمورىئال چەك:مېمورىئال چەك پەقەتلا ھېساباتنى يۆتكەشكە ئىشلىتىلىدۇ. 

پۇل چېكى ئارقىلىق ھېسابات قىلغاندا، پۇلنىڭ ئوبوروت مىقدارىنى ئازايتقىلى، ئوبوروت خىراجىتىنى تېجىگىلى بولىدۇ، بۇ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىگە پايدىلىق. بىراق، ئەگەر كارخانىلار تاقىلىپ قالىدىغان، بانكىلار ۋەيران بولىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرسە، پۇل چېكىنى تېگىشكىلى بولمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروتنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#