يىزۇ مىللىتى

يىزۇ مىللىتى

يىزۇ مىللىتى ئاساسلىقى يۈننەن، سىچۇەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارغا تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى يىزۇ مىللىتى
نوپۇسى 871 تۈمەن (2010)
خەنزۇچە نامى 彝族
چەتئەلچە نامى Yi Ethnicity

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىزۇ مىللىتىيىزۇ مىللىتى ئاساسلىقى يۈننەن، سىچۇەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارغا تارقالغان. سىچۇەندىكى يىزۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دادۇخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئەننىڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى چوڭ-كىچىك لياڭشەن تېغىغا، يۈننەندىكى يىزۇلار جىنشاجياڭ، يۈەنجياڭ دەرياسى ۋە ئەيلاۋشەن تېغى، ۋۇلياڭشەن تېغى ئارىلىقىدىكى رايونلارغا ھەمدە غەربىي يۈننەندىكى شاۋلاڭشەن تېغىغا؛ گۇيجۇدىكى يىزۇلار ئەنشۈن، بىجيې رايونلىرىغا؛ گۇاڭشىدىكى يىزۇلار لۇڭلىن ۋە مۇبيەن ناھىيىلىرىگە ماكانلاشقان. بۇ رايونلارنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئىنتايىن كۆپ. ھەرقايسى جايلاردىكى يىزۇلار ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قەرەللىك بازارغا بارىدىغان ئادىتى بار. 

يىزۇ ئەرلىرى دائىم قارا رەڭلىك، تار يەڭلىك ئوڭ تەرەپتىن يانتۇ ئىزمىلىنىدىغان چاپان ۋە قاتلاق پۇشقاقلىق تامبال كىيىدۇ، بېشىغا بىرنەچچە غۇلاچ ئۇزۇنلۇقتىكى سەللە يۆگىۋالىدۇ. ئاياللار بېشىغا، مەيدىسىگە ۋە بېلىگە رەخت ئورىۋالىدۇ، ئەر-ئاياللار سىرتقا چىققاندا، «ساۋار» ئارتىۋالىدۇ، «ساۋار» خالاتقا ئوخشايدىغان چۇچىلىق پلاشتەك كىيىم. 

يىزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى «مەشئەل» بايرىمى ئىنتايىن داغدۇغىلىق بولىدۇ. ھەر يىلى يازلىق كالېندار بويىچە 6-ئايدىكى بايرام كۈنلىرىدە(ئادەتتە ئۈچ كۈن بولىدۇ) ، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىچىك مەشئەل قادىلىدۇ، كەنت ئوتتۇرىسىغا چوڭ مەشئەل قادىلىدۇ، كەچ كىرگەندە مەشئەل ياندۇرۇلسا، ئەتراپ يورۇپ كېتىدۇ. كىشىلەر چوڭ مەشئەل ئەتراپىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ تاڭ ئاتقۇزىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەشئەل ياندۇرۇشتىكى مەقسەت يەر ئاستىدىكى ئوتنى چىقىرىش ئارقىلىق، رەزىللىكنى يوقىتىپ، زىرائەتلەرنى قوغداش ئىكەن. شۇڭا، بايرام مەزگىلىدە كەنت بويىچە چوشقا، كالا ئۆلتۈرۈپ، مول ھوسۇل تىلىنىدۇ.

يىزۇ مىللىتىيىزۇلارنىڭ «سۈەنۋېن يېزىقى» دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي يېزىقى بار. 1975-يىلى، 819 قىلىپلاشقان سۋەنۋېن خېتى بېكىتىلدى ھەمدە سىچۇەندىكى لياڭشەن ئاپتونوم ئوبلاستىدا كېڭەيتىپ ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن. «ئاسىما» يىزۇلارنىڭ مەشھۇر ئېپىك داستانى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە كەڭ تارقالغان. 

1935-يىلى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى ئۇزۇن سەپەر داۋامىدا جىنشاجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ دادۇخې دەرياسىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەندە، يىزۇلار رايونىدا توسالغۇغا دۇچ كېلىدۇ. قوماندان ليۇ بوچېڭ لىزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ ئاتامىنى شياۋيۆدەن بىلەن خورازنىڭ قېنى تېمىتىلغان ھاراق ئىچىپ ئاكا-ئۇكا بولۇشۇپ، يىزۇلار رايونىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىدۇ ۋە دادۇخې دەرياسىدىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ، جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش داستانىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، يۈننەن، گۇيجۇ ۋە گۇاڭشىدىكى يىزۇلار ئارىسىدا فېئوداللىق تۈزۈم يولغا قويۇلغان، سىچۇەننىڭ چوڭ-كىچىك لياڭشەن تېغىدىكى يىزۇلاردا يانچىلىق تۈزۈمى ساقلىنىپ قالغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يىزۇ خەلقى يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى ۋە تەقدىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#