قول-پۇت تەمرەتكىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
قولپۇت تەمرەتكىسىخىلىتلىق، خىلىتسىز ئىسسىق كەيپىياتلارنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشىدىن تاشقى مۇھىتتىكى جاراسىملارنىڭ تېرىلەر ئارقىلىق قان خىلىتىنى ئوفۇنەتلەندۈرۈپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق مۈچە ئۇچلىرىغا تەسىر قىلىشتىن بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
بەلغىمى شوردىن پەيدا بولىدۇ
ھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار تەسىرىدە بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە ئۆتكۈر ھارارەتلىك سەپرا خىلىتى تەسىر قىلىپ بەلغىمى شورىنى شەكىللەندۈرۈپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق مۈچە ئۇچلىرىدىكى تېرىلىرىگە تەسىر قىلىدۇ. بۇ خىل خىلىت قىيام جەھەتتە نىسبەتەن قويۇق بولۇپ توقۇلما، ئارىلىق بوشلۇقلىرىدىكى بىرلىك مىقدارى كۆپىيىپ توپلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇن سەزگۈ نېرىپلىرىنى غىدىقلاپ نېرۋىلىق تەڭشىلىشىنى قالايمىقانلاشتۇرسا يەنە بىر جەھەتتىن، ېرىنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ بۇ كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ
قولپۇت تەمرەتكىسىپىشلاقلىشىپ شەلۋەرەش تىپىدىكى تۈرىدە ئەگەر تېرە زەخمىسى ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش پەيدا بولسا تىلما، لىمفا كانىلى ياللۇغى، ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغى، پۇت دۈمبىسى ئىششىش، تۆۋەنكى مۈچىنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.