بېنگالدا قورقۇنچلۇق ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: بېنگالدىكى ئەڭ چوڭ سودا مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدە 7 كىشى قازا قىلغان، كەم دېگەندە 50 كىشى يارىلانغان.
ئوت ئاپىتى پايتەخت داككادىكى 22 قەۋەتلىك سودا مەركىزىنىڭ 18 قەۋىتىدە مەيدانغا كەلدى.
قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئوت ئۈچۈرۈش خادىملىرى، ساقچى قىسىم ۋە ئەسكەرلەر قاتناشتى. بەزى كىشىلەر بىنانىڭ ئۈستى تەرىپىدىن تىك ئۇچار ئارقىلىق قۇتقۇزۇۋېلىندى.
2004- يىلى ئېچىلغان سودا مەركىزىدە كەم دېگەندە 2000 ئەتراپىدا ماگىزىن بار ئىكەن.