قىزىقارلىق دىئالوگى
توي قىلىش ئالدىدا،ئاشىق بىلەن مەشۇق مۇنداق پاراڭلىشىپتۇ:
يىگىت:بەك ياخشى بولدى!مەن كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى، بۇ كۈننى ساقلاپ بەكمۇ تاقەتسىزلەنگەن ئىدى.
قىز: مەن يېنىۋالسام بولامدۇ؟
يىگىت:ياق،بۇنداق بولىشىنى زادى ئويلاپ باقمىدىم!
قىز:مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟
يىگىت: ئەلۋەتتە!
قىز :مەندىن يۈز ئۆرەمسىز؟
يىگىت: ياق،قانداقسىگە بۇنداق بولمۇغۇر خىيالغا كىلىپ قالدىڭىز؟
قىز:مىنى بىر سۆيۆپ قويامسىز ؟
يىگىت: ئەلۋەتتە، بىر قېتىملىق بىلەن توختاپ قالمايمەن.
قىز:مېنى ئۇرامسىز؟
يىگىت:ياق.
قىز: سىزگە ئىشەنسەم بولامدۇ؟
توي قىلىپ ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، بۇ ئەر-خوتۇن يەنە پاراڭلىشىپتۇ، قىزىق يېرى،ئۇلارنىڭ پارىڭىدا بولونغان گەپ-سۆز ئالدىنقى قېتىمغا تامامەن ئوخشايدىكەن، پەقەت دىئالوگ تەرتىپىلا ئۆخشىمايدىكەن،ئەگەر ئوقۇرمەن بۇقېتىمقى پاراڭ مەزمۇنىنى بىلمەكچى بولسا، يۇقىرىقى دىئالوگنى ئاخىرىدىن باشلاپ ئوقۇسا بولىدۇ.
مەنبەسى: .ئۆرۆمچى كەچلىك گىزىتى