ماداغاسقاردا ئۆكتىچىلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ماداغاسقاردا ئۆكتىچىلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قىلدى
ماداغاسقار ئارىلىدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئۆكتىچىلەر، 2 يىل ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە بايانات ئېلان قىلغان روئىندېفو زافىتسىمېۋولا مونجا، ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنتنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى، ئىستىپا بېرىشى ئۈچۈن پىرىزدىنىتقىمۇ 4 سائەت مۆھلەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى رەھبىرى ئاندرىي راجۆلىنا تەرىپىدىن ئىمزالانغان خىتابنامىنى ئېلان قىلغان مونجا، «شۇنداق قىلىپ راجۆلىنا رىياسەتچىلىكىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى» جاكارلىدى.
مونجا، 24 ئايغىچە پىرىزدىنىتلىق سايلىمى بىلەن مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، دەپ ۋەدە بەردى.
ماداغاسقار، 2002 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن سىياسىي كرىزىسنىڭ بوران – چاپقۇنىغا ئۇچرىدى. 26 – يانۋاردا مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە بولسا 100 ئارتۇق كىشى قازا قىلدى.