پاھىشىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى.
مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان بارغانچە ئەۋجىگە چىقىۋاتقان " شىنجاڭدىكى ستۇدېنت قىزلارنىڭ ئىچكىرىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە جۈمە ئاخشام ئايروپىلان بىلەن مېڭىپ يەكشەنبە كەچ قايتىپ كېلىدىغان " تاپاۋەت قىلىش قىلمىشىغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزىلەر تولىمۇ يۈزەكى ھەم چولتا بولدى .
ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بەزى (ھەممىسى ئەمەس) قىزلارنىڭ نېمىشقا شۇنچە ئاسانلا پۇل-مالنىڭ قۇربانى بولۇپ ، كارىۋات پەرىشتىسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلماي تۇرايلى . چۈنكى بۇ ناھايىتى چوڭقۇر جەمئىيەت ھادىسىسى ، كەينىگە يوشۇرۇنغىنى بولسا ئۇيغۇر ئەخلاقىنىڭ پۇچەك تەرەپلىرى ۋە كۈنسايىن چىرىپ كېتىشى .
بىر قىزىل چىراغ كوچىسىدىكى كەسپىي پاھىشە ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بېجىرىۋاپتۇدەك ! بۇنىڭ سەۋەبى سورالغاندا پاھىشىنىڭ چۈشەندۈرىشى بولسا ، ھازىر ئالىي مەكتەپ ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىمۇ سېتىشقا باشلىغان بولۇپ ، جەمئىيەتتىكى ئەرلەر بارغانسېرى قىزىل چىراغ كوچىسىدىن يېنىپ ئاشۇ ئوقۇغۇچى قىزلارنىڭ ئىندىكىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقۇدەكمىش . ھەم بۇنداق ئوقۇغۇچى قىزلار كىشىگە پاك ، سەبىي تەسىر بېرىدىغان بولۇپ ، باھاسىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا ئەرلەرنى ئاسان جەلب قىلارمىش . شۇڭا كەسپىي پاھىشىلەرنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ ، ئۇلارمۇ تەن بەرگۈسى كەلمەي ، ئۇقۇغۇچى سۈپەت ياسىنىپ ، سومكىلارنى ئېسىشىپ ، ئىچىگە ساختا ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى سېلىپ يۈرىشىدىغان بولۇشۇپتۇ .
ئەلۋەتتە ، بۇ خەۋەرنىڭ قانچە پېرسەنتى راست ، قانچە پېرسەنتى يالغان بىلگىلى بولمايدۇ . لېكىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى ، ھازىر ئوقۇغۇچى قىزلار ، بولۇپمۇ بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى قىزلىرىنىڭ بۇ خىل ئەخلاقتىن قاڭقىغان سودا بازىرىدا ئاللىبۇرۇن كەم بولسا بولمايدىغان تاۋار تەمىنلىگۈچىلەردىن بولۇپ قالغىنىدۇر .
يەنە بىر جەھەتتىن ، ئىددىيەدىكى خاتا ئۇقۇم ، يەنى ئېچىۋېتىلگەن مەدەنىيەتكە قارىتا خاتا تونۇش مۇشۇ خىل ھادىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان .
ئىددىيىنى ئازات قىلىش ھەرگىزمۇ بەدەننى ئازات قىلىش ئەمەس . مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ خالىغان چاغدا خالىغان ۋاقىتتا كارىۋاتقا چىقىش ئەمەس . ئەمما مۇشۇ خاتا يولدا مېڭىۋاتقان ستۇدېنت قىزلار بولسا داۋاملىق ئۆزىنى بىر بىگۇناھ ھەتتا "جەمئىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى " ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ نومۇسسىزلارچە ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا باھانە-سەۋەب تاپىدۇ .
ئەلۋەتتە ، ئەرلەرنىڭ بۇنداق ھادىسە يۈز بېرىشىدىمۇ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار . لېكىن ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەزەلدىن مىللىتىگە مەسئۇل بولۇپ باقمىغان بولغاچقا ، بۇنداق ئىشلارنى توسماستىن ئەكسىچە شۇنىڭغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان ، ھەتتا بەزى ئەر ئوقۇتقۇچىلار شەرمەندىلەرچە ئىمتاھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى ياكى ئەلا نەتىجە بېرىشنى بەدەل قىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئوقۇغۇچى قىزلىرىنى شۇ ئىشقا يېتەكلەيدىغان ھايۋانىي قىلىقلار بار . ئەپسۇس ، مۇشۇ يولدىن توسۇيدىغان ، كۆرگەندە قولىدىن تارتىدىغان ، ياكى دەرسخانىدا "سىلەر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، ئەخلاقىڭلار يۈكسەك بولسۇن !" دەپ تەربىيە قىلىدىغان كىشى ئاز
بىر كۈنى مەن مەلۇم بىر ئېلېكترونلۇق قىمارخانىغا كىرىپ قالدىم . شۇنداق كۆز يۈگۈرتۈپ قارايدىغان بولسام ، ئىچىدە موگۇدەك قىستىشىپ ئولتۇرۇپ قىمارغا پۇل تىكىۋاتقان مۇشۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ خەنزۇ يوق ، ھەممىسى قارا-قويۇق ئۇيغۇر ! بۇ مەلۇم بىر مەكتەپكە يېقىنلا يەرگە قۇرۇلغان قىمارخانا بولۇپ ، ئىچىدىكى قىمارۋازلارنىڭ كۆپچىلىكى يەنىلا ستۇدېنت ئوغۇللار ئىدى .
بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم . ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال يەنىمۇ كېڭەيسە ، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرى " ئوغۇللىرى قىمارۋاز ، قىزلىرى پاھىشە " دېگەن كۈنگىمۇ يىراق ئەمەسكەن.
قىزلىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ يېزا-قىشلاق دوختۇرخانىلىرىغىچە كېڭىيىشى ۋە ئوپېراتسىيە مەشغۇلات رەسمىيەتلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئاددىيلىشىشى ، بۇزۇلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەرگە تېگىش ئالدىدا يەنىلا بىر "پاك " قىزغا ئايلىنىشىغا كۈچلۈك كاپالەت يارىتىپ بەردى . ئاپتورنىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا ، ھەر قايسى چوڭ-كىچىك دوختۇرخانىلاردا قىزلىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرش ئوپېراتسىيەسى 650-700 سومغىچە بولۇپ ، ئاساسلىق ئوپېراتسىيە ئوبىيېكتى مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن توي قىلىش ئالدىدىكى قىزلار ئىكەن . بۇ خۇددى ھەرقانداق كىشى كىرسە بولىۋېرىدىغان بىر قالايمىقان ئۆينىڭ توي قىلىشتىن ئاۋۋال چىرايلىق تازىلىنىپ ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىپ قويۇلغىنىغا ئوخشايدۇ !!
10 نەچچە يىلدىن بېرى بىز ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدىكى بىر ئوچۇم تەلۋىلەرنىڭ دەردىدە "يانچۇقچى " نامىنى دۈمبىمىزگە ئارتىپ كەلدۇق . ئەمدى بۇ قىزلىرىمىز بىزنىڭ يۈزىمىزگە " پاھىشە " دېگەن قارىنى سۈركەشتىن بۇرۇن ئەقلىنى تېپىۋېلىشىنى ئاجىزلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبە:ئەزىزان
http://azizan.blogbus.com ئىزاھات: گەرچە بۇ تېما بىر مەزگىل ئۇيغۇر مۇنەزىرە مۇنبەرلىرىدە خىلى غۇلغۇلا قوزغىغان، تەكرار تېما بولسىمۇ، دىنىدىن، ئەخلاقدىن، قىزلىق شەرمى-ھايادىن كۈنسىرى يېراقلاپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم <<ياشلىق _ شاشلىق>> مۇقامىدىكى قىزلار ئۈچۈن ئاز-تولايولىنى تېپىۋېلىشىغا ياردىمى تېگىپ قالا دېگەن ئۈمۈد بىلەن كۆچۇرۇلۇپ يوللاندى