ئېغىر تىنىقلار !
سۈكۈت سۆيگەن ئېغىر تىنىقلار ،
دىلدا پىنھان جاراڭلىق تىۋىش .
خاسلىقىنى يوقاتقاندا روھ ،
بۇدا ئەزىز بولۇپ قاپتۇمىش .
چۈمپەردىگە ئورالغان قارچۇق ،
قايسى غەرپ ، قايسىدۇر شەرق .
باشسىز گەۋدە يۈرەر سوكۇلداپ ،
ھەق يولىنى ئىتەلمەي پەرق .
ئىسەنكىرەپ تىنىگەن كۆڭۈل ،
دوقمۇشلاردا قاپتۇ تەمتىرەپ .
شەھۋىتىگە قۇل بولغان ۋىجدان ،
تار كوچىغا كەپتۇ پەپىلەپ .
قاي چاغ ئىسيان كۆتۈرگەن غورۇر ،
سايلىقلاردا قاپتۇ مۇڭلۇنۇپ .
ئىجتىھاتتا رەڭ ئالغان زىمىن ،
قاپتۇ بۈگۈن ئاچچىق تولغۇنۇپ .
كۆرۈنمەس بوپ قۇياشمۇ نۇرلۇق ،
ئۆتىۋاپتۇ بۇلۇت كەينىگە .
كەلگۈسىگە باغلانغان ئۈمۈد ،
ئىرادىنى قويدى مەيلىگە .
شانلىق تارخ قالدۇرغان ئىزلار ،
قۇم تەكتىدا قاپتۇ قانسىراپ .
مودا ئېقىم جۇلالىسىدە ،
ئۆرپ - ئادەت كۈلەر ياتسىراپ .
2008.1.17... < بېيجىڭ >
*****************************************************
سېغىنىش
خوش دىمە جانانىم يۈتمە كۆزۈمدىن ،
نە باراي ھەسرەتكە بولۇپ مەن ئەسرا .
غەرەرسىز باشلىغان دوستلۇق بىلمىدىم ،
سالدىغۇ يۈرەككە بىر ئوتنى سەۋدا .
مۇھەببەت بىز ئۈچۈن بولۇپ بىر سىناق ،
مەيلىمۇ قىينىسا ھىجراندا دىلنى .
مەيلىمۇ ۋىسالغا زار بولغان تىلەك ،
ئارماندا ئۆتكۈزسە شۇنچە كۆپ يىلنى .
سۆيدۈم دېدىڭ بېشىم يەتتى پەلەككە ،
كۆرۈشمەككە مەن بولۇپ كۆپ ئىنتىزار .
ئارلىقىمىز بىر ھىجراننىڭ كۆۋرۈكى ،
مەن بۇ بېشىدا ، ئۇ بېشىدا سەن نىگار .
ئۈمۈدۋارمەن يەتمەككە ھەم تىلەككە ،
قىينىسىمۇ باغرىمنى گەر ئىشقى - پىراق .
كىچەلمەيمەن ئاھ سېنىڭدىن مەڭگۈگە ،
سەن گويا قەلبىمدىكى نۇرلۇق چىراق .
ئەپسۇس ماڭا بويسۇنماسكەن رىئاللىق ،
ياشاركەنمىز سۆيگۈلەردە سىنىلىپ .
رازى ئىكەن چىن مۇھەببەت ئىلاھى ،
ئۆلۈپ كەتسەك ئاشىقلىقتا قىينىلىپ .
چۆچۈپ - چۆچۈپ ئويغىنىمەن گاھىدا ،
گويا بىرى جۈپ قولۇمنى تارتقاندەك .
ھەسرەتلەرگە يانداش بولۇپ ياشايمەن ،
بۇ باغرىمنى مىڭچە چايان چاققاندەك .
خىيالىمدا كۈلۈپ تۇرغان سىمائىڭ ،
ئېلىپ كىتەر يىراقلارغا جىسمىمنى .
سېغىنىشنىڭ چىكى يەتكەن روھىمدا ،
زەئىپ تىنىم چاقىرىدۇ ئىسمىڭنى .
2008.8.7 _ < بېيجىڭ >
مەنبە __ قەلەم
ئىجادىيەتلىرىمدىن .........................