قان نوكچىسى كەپلىشىشتىن بولغان قان تومۇر ياللۇغىنى داۋالاش ئۇسۇلى
دەسلەپكى مەزگىلى : بۇ ۋاقىت ياللۇغلىنىش باسقۇچى بولغاچقا ، قىزىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. رېتسىپ : شاپتۇل مېغىزى يېيىش ، قىزىل پۇرچاق شوۋىگۈرۈچى ئىچىش .
ئوتتۇرا مەزگىلى : بۇ چاغدا ئاغرىش ، ماغدۇرسىزلىق ئالامىتى داۋاملىشىۋاتقان بولىدۇ . رېتسېپ : زاراڭزا ، گۈلسامساق شورپىسى ئىچىش .گۈلسامساق 20 گرام ، زاراڭزىدىن بەش گرام سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ناۋات سېلىپ ، گۈلسامساقنى يەپ ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .
كېيىنكى مەزگىلى : بۇ باسقۇچتا ئاغرىش ، قاپارتما كېسەللىكى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما كەيپىياتنىڭ نورمالسىزلىقىدىن پۇت – قوللار ئېغىر بولۇشتەك كېسەللىك يەنىلا بولىدۇ .
رېتسېپ : چاچراتقۇ ، پارازىت تاپان بېلىقى شورپىسى تەييارلاپ ئىچىش . چاچراتقۇ ، لىپەكگۈل ، كىرەشنىڭ ھەر قايسىسىدىن 10 گرام ، دىبىق (ھەسەل مەيۇزەك )، كەتىرە 12 گرام ، دارچىن ئۈچ گرام ، تاپان بېلىقتىن ئىككى تال تەييارلاپ ، تاپان بېلىقنى تازىلاپ پاكىز يۇيۇپ باشقا ماتېرىياللار بىلەن سۇدا گۆشى ئېزىلگەنگە قەدەر پىشۇرۇپ ، دورا تىرىپى بىلەن بېلىق سۆڭىكىنى ئېلىۋېتىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ . بۇ خىل رېتسېپ قاننى جانلاندۇرىدۇ . پۇت – قول ئۇيۇشۇش ، ھېرىپ چارچاشتىن بولغان ئاغرىشنى توختىتىدۇ .
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى